نېمە ئۈچۈن قىسقۇچپاقىنى پىشۇرغاندىن كېيىن قىزىرىپ قالىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
قىسقۇچپاقا قاسىراقلىق ناھايىتى غەلىتە ھايۋان بولۇپ، بەدىنىنىڭ ئىككى تەرىپىدە سەككىز پۇتى بار، قارىماققا بېشى يوقتەك كۆرۈنىدۇ، قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ئۇ ماڭغاندا يوغان بىر جۈپ قىسقۇچىنى كۆتۈرۈپ، ئالدىغا ماڭماستىن، يانچىلاپ ماڭىدۇ. ئېھتىمال يانچىلاپ مېڭىش ئۇنىڭ كۆزىگە ئۇدۇل ماڭغاندەك كۆرۈنسە كېرەك.
قىسقۇچپاقىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كىشىلەر ياقتۇرۇپ يەيدىغان ئېسىل تائام ھېسابلىنىدۇ. لېكىن كىشىنى ھەيران قالدۇرۇدىغىنى چوڭ قاپلىق تىرىك قىسقۇچپاقىنىڭ دۈمبىسى قارامتۇل كۆك رەڭدە بولسىمۇ، لېكىن پىشۇرغاندىن كېيىنلا ئاپلىسن رەڭگە ئۆزگىرىپ قالىدۇ، بۇ قانداق ئىش؟
ئەسلىدە، قىسقۇچپاقىنىڭ قاسرىقىنىڭ تەركىبىدە ھەر خىل رەڭ پىگمېنتلىرى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر خىلى ئاستاتسىن دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ باشقا رەڭ پىگمېنتلىرى بىلەن ئارىلىشىپ تۇرغاندا، قىزىللىقىنى نامايان قىلىشقا ئامالسىز قالىدىكەن، ئەمما قىسقۇچپاقىنى پىشۇرغاندىن كېيىن، باشقا رەڭ پىگمېنتلىرى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ پارچىلىنىپ كېتىدىكەن، ئاستاتسىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن قورقمىغاچقا، باشقا رەڭلەر يوقىلىپ كەتكەندىن كېيىن قىزىللىقى ئىپادىلىنىپ كېتىدىكەن، ئاستاتسىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن قورقمىغاچقا باشقا رەڭلەر يوقىلىپ كەتكەندىن كېيىن قىزىللىقى ئىپادىلىنىپ چىقىدىكەن. شۇڭا پىشۇرۇلغان قىسقۇچپاقا ئاپېلىسىن رەڭگىدە بولىدىكەن.
قىسقۇچپاقا قاسرىقىنىڭ دۈمبە قىسمىدا ئاستاتسىن كۆپرەك بولغاچقا، قىسقۇچپاقا پىشۇرۇلغاندىن كېيىن دۈمبە قىسمى ئالاھىدە قىزىل كۆرۈنىدۇ، پۇت قىسمىدا ئاستاتسىن ئازراق بولغاچقا، قىزىل رەڭ سۇسراق بولىدۇ؛ قورساق قىسمىدا ئاستاتسىن بولمىغاچقا، ئاق كۆرۈنىدۇ.
قىسقۇچپاقىدىن باشقا راكلارمۇ يۇقىرىقى تۈپەيلىدىن پىشۇرغاندىن كېيىن قىزىرىپ قالىدۇ.