UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبوۋاقلار نېمە ئۈچۈن قول ياكى پۇت بارماقلىرىنى شوراشقا ئامراق؟

بوۋاقلار نېمە ئۈچۈن قول ياكى پۇت بارماقلىرىنى شوراشقا ئامراق؟

نېمە ئۈچۈن قول ياكى پۇت بارمىقىنى شوراشنى ياخشى كۆرۈش كۆپلىگەن بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى جەريانىدىكى كۆپ كۆرۈلىدىغان فىزىئولوگىيىلىك ئەھۋال. سەۋەبى شۇكى، بوۋاقلار تۇغما بىر خىل ئىستىخىيلىك قىزىققاقلىق پسىخىكىسىغا ئىگە بولۇپ، تاشقى دۇنيانى چۈشىنىشنى، يېڭى نەرسىلەردىن تەسىر ئېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بوۋاقلىق مەزگىلىدە، ئۇلارنىڭ تېگىش سېزىمى سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشى بىر ئاز تولۇق بولۇپ، بولۇپمۇ لەۋ، تىل، قول بارمىقى، پۇت بارمىقى قاتارلىق قىسىملارنىڭ تېگىش سېزىمى ئەڭ سەزگۈر ھەمدە بوۋاقنىڭ قول، پۇتىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى بىر ئاز بالدۇر يېتىلگەن بولۇپ، كونتروللۇقىنى تەڭشەش ئىقتىدارى نىسبەتەن بىر ئاز كۈچلۈك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ھېس قىلالايدىغان نەرسىلەر ھەم ئىنتايىن ئاز. شۇڭا بوۋاقلار قول ۋە پۇت بارماقلىرىنى شوراش ئارقىلىق تاشقى دۇنيانى ھېس قىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. بوۋاقنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، بارا - بارا تېخىمۇ كەڭ تاشقى دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارنىڭ دىققىتىمۇ باشقا شەيئىلەر ئۈستىگە يۆتكىلىپ، قول (ياكى پۇت) بارماقلىرىنى شورايدىغان ئەھۋالمۇ تەبىئىي ھالدا ئازلايدۇ. شۇڭا ئاتا - ئانىلار قارىغۇلارچە بوۋاقلارنىڭ بۇ خىل شوراش ھەرىكىتىگە ئارىلىشىۋېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. پەقەت بوۋاقنىڭ پۇت ۋە قول بارماقلىرى تازىلىقىنىڭ پاكىزلىقىغا دىققەت قىلىپ كېسەل كەلتۈرۈپ چىقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالسىلا بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە