نېمە ئۈچۈن بالىلارغا ئاسانلا ئىسسىقلىق چىقىپ قالىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
تومۇز ياز پەسلىدە دائىم بالىلارنىڭ باش، بويۇن قىسمى ھەم گەۋدە قىسمى تېرىسىدە ھەم ئاغرىيدىغان ھەم قىچىشىدىغان قىزىل رەڭلىك تېرىقسىمان ئەسۋە - ئىسسىقلىق چىقىپ قالىدۇ. بۇ، بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان تېرە كېسىلى. ھاۋا ئىسسىق، نەملىك دەرىجىسى يۇقىرى بولغاندا تەر كۆپ چىقىپ ئاسان پارلىنالماي تەر سۇيۇقلۇقى تېرە مۈڭگۈز قەۋىتىدە چىلىنىپ، تەر بېزى نەيچىلىرىنىڭ ئېغىزىنى ئېتىۋالىدۇ، تەر سۇيۇقلۇقى يىغىلىپ قالغاندىن كېيىن ئىچكى بېسىم ئارتىپ تەر بېزى تومۇرچىسى يېرىلىپ، تەر سۇيۇقلۇقى ئەتراپتىكى توقۇلمىلارغا سىڭىپ كىرىپ غىدىقلاش ئارقىلىق تېرە ئەسۋەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ ئۈچ ئايلىق ئىچىدىكى بوۋاقلارنىڭ تەر بېزى تەرەققىي قىلمىغان، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارى تۆۋەن، مەيلى قىش، مەيلى ياز بولسۇن، پەقەت ئۆي تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇش، بەك قېلىن كىيىندۈرۈشنىڭ ھەممىسى كۆپ تەرلىتىپ ئىسسىقلىق چىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا بوۋاقلار ئۆيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق بولۇشى، كىيىمىنى بەك قېلىن كىيدۈرۈۋەتمەسلىك كېرەك. ئىسسىقلىق تەر ئەسۋەسى دېيىلىپ، يىڭنە ئۇچىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىچىلىك تېرىدىن ئۆرلەپ چىققان قىزىل رەڭلىك دۆڭچە ئەسۋە بولۇپ، قىچىشىپ ئاغرىيدۇ، تەرلىگەندە تېخىمۇ ئەدەپ كېتىدۇ، باشلىنىشتا يەككىدىن بولۇپ ئېغىرلاشقاندا زورىيىپ بىرلىشىپ ياپىلاق شەكىلگە كىرىدۇ. تېرە قىزىرىپ كېتىدۇ، قىچىشىپ ئاغرىغانلىقتىن بوۋاقتا تىت - تىتلىق، يىغلاڭغۇلۇق، قول بىلەن تاتىلايدىغان ئەھۋاللار ئىپادىلىنىدۇ. ئەگەر كۈتۈشكە دىققەت قىلمىسا تاتىلىۋەتكەن ئورۇندا يۇقۇملىنىش يۈز بېرىدۇ.