UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن مېتېئورىت يامغۇرى ياغىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن مېتېئورىت يامغۇرى ياغىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن 1976 - يىلى 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ ئەتراپىدا، ئېلىمىزنىڭ جىلىن ئۆلكىسىنىڭ ئاسمىنىدا بىر دائە ئوت شارى پەيدا بولغان، شىددەتلىك گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىگەندەك پارتلاش ئاۋازىغا ئەگىشىپ، چوڭ - كىچىك مېتېىئورىتلار بەئەينى يامغۇر تامچىلىرى يەرگە چۈشكەندەك، كەينى - كەينىدىن جىلىن شەھىرى ئەتراپىغا چۈشكەن. بۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق تاش مېتېئورىت يامغۇرى ھېسابلىنىدۇ، ئۇ يەنە <جىلىن مېتېئورىت يامغۇرى> دېيىلىدۇ. ئاشۇ قېتىملىق مېتېئورىت يامغۇرىنىڭ تارقىلىش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، شەرقتىن غەربكىچە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 72 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە كەڭلىكى تەخمىنەن 8.5 كىلومېتىرغا يەتكەن. كىشىلەر نەق مەيداندىن 100 پارچىدىن ئارتۇق مېتېئورىت يىغىۋالغان، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى تەخمىنەن 2700 كىلوگرام كەلگەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەوڭ چوڭ بىر پارچىسى <جىلىن - 1> ناملىق مېتېئورىتنىڭ ئېغىرلىقى 1770 كىلوگرام بولۇپ، نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تاش مېتېئورىت ھېسابلىنىدۇ. جىلىن مېتېئورىت يامغۇرى ئاھالە زىچراق رايونغا چۈشكەنلىكى، يەنە كېلىپ دەل كۈندۈزى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەينى چاغدا نەچچە مىليونلىغان كىشى بۇ قېتىمقى كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىدىغان كۆرۈنۈشنى بىۋاستە ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن. ئاشۇ قېتىمقى دۇنيا بويىچە ئاز ئۇچرايدىغان مېتېئورىت يامغۇرى دۇنيا بويىچە كۆرگەن ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بىر قېتىملىق مېتېئورىت يامغۇرى بولۇپ قالغان. بىزگە مەلۇمكى، كۆپ ساندىكى ئاقار يۇلتۇزلار يەر شارى ئاتموسفېرا قاتلىمىغا كىرگەندىن كېيىن، ھاۋا بىلەن سۈركىلىش ھاسىل قىلىدۇ ھەمدە ئوت ئېلىپ، يەر يۈزىگە چۈشۈشتىن خېلى بۇرۇنلا كۈلگە ئايلىنىپ بولىدۇ. پەقەت چوڭراق ئاقار يۇلتۇزلار پۈتۈنلەي كۆپۈپ بولماي تۇرۇپلا يەر يۈزىگە چۈشۈپ، يەر شارىنىڭ مېھمىنى - مېتېئورىت بولۇپ قالىدۇ. بەزى چاغلاردا ھەجىمى چوڭراق مېتېئورىتلار يۇقىرى تېمپېراتۇرا، يۇقىرى بېسىمنىڭ زەربىسىدە، نۇرغۇن ئۇششاق پارچىلارغا پارچىلىنىدۇ - دە، گويا يامغۇردەك يەر يۈزىگە چۈشۈپ، بىز دەۋاتقان مېتېئورىت يامغۇرىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە