UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن پويىز پولات رېلىستا ماڭىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن پويىز پولات رېلىستا ماڭىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن سىزنىڭ ۋېلىسپىت مىنىش تەجرىبىڭىز بارمۇ؟ قاتتىق ۋە تەكشى بولغان يولدا ۋېلىسىپىت مىنگىنىڭىزدە ئۆزىڭىزنى يېنىك ھېس قىلىسىز؛ پاتقاق ياكى يۇمشاق قۇملۇقتا ۋېلىسىپىت مىنگىنىڭىزدە ئىنتايىن ئېغىر ھېس قىلىسىز. ۋېلىسىپىت، مشىنا، پويىزلارنىڭ چاقى دومىلىما ھەرىكەت قىلىپ ماڭىدۇ. بۇ جەرياندا دومىلىما قارشىلىق كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ۋېلىسىپىتنى مىسال قىلساق چاقىغا تولۇق يەل بېرىلگەن ۋېلىسىپىت سېلىق ھەم قاتتىق يولدا ماڭغاندا دومىلىما قارشىلىق كۈچى كىچىك بولىدۇ. ئوخشاش قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، پويىز چاقى سىلىق ھەم قاتتىق پولات رېلىس ئۈستىدە ماڭغاندىلا دومىلىما قارشىلىق كۈچى ئەڭ كىچىك بولىدۇ. شۇڭا پويىز تېز ماڭالايدۇ. بەزىلەر مۇنداق تەجرىبە ئىشلىگەن. شېغىل يولدا توختىتىپ قويۇلغان يۈك ئاپتوموبىلىنى 15 ئادەم ئىتتىرىپ ماڭدۇرالمىغان، ئەمما پولات رېلىس ئۈستىدە توختىتىپ قويۇلغان تەڭ ئېغىرىقتىكى پويىز ۋاگونىنى پەقەت ئىككىلا ئادەم ئىتتىرىپ ماڭدۇرۇۋەتكەن. پويىز چوڭ تىپتىكى ئۇزۇن يوللۇق ترانسىپورت قورالى. ئادەتتە ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ، ئەڭ يېنىك يولۇچىلارپويىزىنىڭمۇ ئون نەچچە ۋاگونى بولىدۇ، يۈك پويىزىنىڭمۇ 40 - 60 ۋاگونى بولىدۇ. پويىزنىڭ ئۈستىگە يۈك بېسىلسا تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. مەيلى تاشتىن ياسالغان، ياكى سېمونتتىن ياسالغان يول بولسۇن بۇنداق ئېغىر بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. ئەگەر ماڭدۇرۇلسا پويىز چاقى بىردىنلا يەرگە پېتىپ قالىدۇ. پولات رېلىس ئىشلىتىلگەندىن كېيىن، پولات رېلىس بىلەن شىپال پويىز چاقىنىڭ يەرگە بولغان بېسىمىنى ئازايتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تۆمۈر يولنىڭ ئىككى تال پولات رېلىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇقىم ئارىلىق بىلەن پويىزنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى چاقلىرىنىڭ گىرۋىكى ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق ئۆز ئارا ماس كەلگەن. بۇنداق بولغاندا پويىز چاقى بىلەن پولات رېلىس ئوتتۇرىسىدا مۇقىم مۇناسىۋەت ئورنىتىلىدۇ، شۇڭا پويىز پولات رېلىس ئۈستىدە ئەركىن ماڭالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن پويىز پولات رېلىستا ماڭىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki