UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىنىڭ تېگىش سېزىمى، پۇراش سېزىمى، تەم تېتىش سېزىمى قاتارلىق جەھەتتىكى تەجرىبىلىرىنى قانداق بېيىتىش كېرەك؟

بالىنىڭ تېگىش سېزىمى، پۇراش سېزىمى، تەم تېتىش سېزىمى قاتارلىق جەھەتتىكى تەجرىبىلىرىنى قانداق بېيىتىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بالا ئىڭەللەپ يەرگە چۈشكەندىن كېيىن بۇ دۇنيا توغرىسىدا ئىزىنىشكە باشلايدۇ. بۇ خىل ئىزدىنىش كۆپ تەرەپلىك بولۇپ، كۆرۈش سېزىمى، ئاڭلاش سېزىمى قاتارلىق جەھەتتىكى بولغاندىن سىرت، ئائىلە باشلىقلىرى يەنە بالىنىڭ تېگىش سېزىمى، پۇراش سېزىمى، تەم تېتىش سېزىمى قاتارلىق سەزگۈ قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك. بالىنىڭ شەيئىلەرگە بولغان تېگىش سېزىمى ئەڭ دەسلەپتە ئېغىز بوشلۇقى پائالىيىتى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىز دائىم بالىلارنىڭ قانداقلىكى نەرسىنى تۇتسۇن، ھەممىسىنى ئېغىزغا سالىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئۇنىڭ بىر نەرسە يېگۈسى كەلگەنلىكى ئەمەس، بەلكى ئېغىزى ئارقىلىق <كۆرۈپ بېقىش> دىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۆزىنىڭ قىزىقىشىنى قاندۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ ۋاقىتتا، ئاتا - ئانىلار بالىلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسلىسىگە دىققەت قىلىپ، نەرسىلەرنى يۈتۈۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بالىلارنىڭ سىرتقى دۇنياغا بولغان ئىزدىنىش جەريانى توختىماستىن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئېغىز بوشلۇقى سىرتقى دۇنياغا يېقىنلىشىشتىكى تېگىش سەزگۈ قورالى بولۇپلا قالماي، قولمۇ بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. بىراق بۇ خىل سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ پائالىيىتى ئەگەر كۆرۈش سەزگۈسىنىڭ قاتنىشىشىدىن ئايرىلىپ قالسا دائىم ھەرىكەتنىڭ ئوڭۇشلۇق بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشچە، بىر يېرىم ياشتىن ئىككى ياشقىچە بولغان بالىلار ئۆزىنىڭ بۇرنى ئۈستىدىكى نەرسىلەرنى توغرا تۇتالمايدۇ. شۇڭا، ئۇلار ئاڭلاش سېزىمى، كۆرۈش سېزىمى قاتارلىقلار تەمىنلىگەن يىپ ئۇچى ئارقىلىق تېگىش سەزگۈ پائالىيىتىنى ئېلىپ بارىدۇ. بالىلارنىڭ تېگىش سەزگۈسىگە بولغان تەسىرىنى بېيىتىش ئۈچۈن، ئاتا - ئانىلار ئۇلارنىڭ تېگىش سەزگۈسىنى يېتەرلىك ھالدا غىدىقلىشى كېرەك. مەسىلەن: بالىنىڭ كىچىك قوللىرى بىلەن ئويۇنچۇق ئېيىقىنىڭ يۇمشاق قۇلىقىنى، سىلىق، پارقىراق مېتاللارنىڭ سىرتىنى، يىرىك تاشنى تۇتقۇزسا، ئوخشاش بولمىغان تېرە سەزگۈسى پەيدا بولىدۇ. ياز پەسلىدە بالىغا مۇز پارچىسىنى تۇتقۇزسا، سوغۇقنى ھېس قىلىدۇ. قىش پەسلىدە تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولمىغان ئىسسىقلىق ساقلاش خالتىسىنى تۇتقۇزسا، ئىسسىقنى ھېس قىلىدۇ. بالىغا بۇلۇتنى تۇتقۇزۇپ، ئاندىن باشقا قاتتىقراق نەرسىلەرنى تۇتقۇزسا، بالا يۇمشاق ۋە قاتتىقلىقىنى ھېس قىلىدۇ، تىگىش سەزگۈسىنىڭ بالىلارنىڭ شەيىئلەرنى تونۇشىدا بەلگىلىك رولى بار. بالىلارنىڭ تېگىش سەزگۈسىگە بولغان تەجرىبىسى فىزىكىلىق غىدىقلىنىش ئارقىلىق كېلىدۇ. بۇ بوشلۇق سەزگۈ قابىلىيىتى ۋە شەكىل سەزگۈ قابىلىيىتىنىڭ توختىماستىن يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە پايدىلىق. پۇراش سېزىمى بولسا بالىلار ئۈچۈن سىرتقى دۇنيا تەمىنلىگەن ئۇچۇر ھەم بالىلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئادەم ۋە ماددىلارغا بولغان چۈشىنىشكە توغرا يېتەكچىلىك قىلىشىدىن ئىبارەت. مەسىلەن: ئوخشاش بولمىغان گۈل، مېۋىلەرنىڭ پۇرىقىنى بالىلارغا پۇرىتىش قاتارلىقلارنىڭ بالىلارنىڭ شەيئىلەرنى ئەتراپلىق تونۇشىغا پايدىسى بار. بالىلارغا خىلمۇخىل پۇراقنى پۇراتقان ۋاقىتتا زىيادە كۈچلۈك ۋە غىدىقلىغۇچى پۇراقلارنى پۇراتماسلىق. بالىنى يېتىلەپ تەبىئەت قوينىغا بېرىپ، تەبىئەتتىكى پاكىز، تەبىئىي بولغان پۇراقلارنى پۇرىتىش ئارقىلىق، بالىنىڭ پۇراش سېزىمىنى مەشىق قىلدۇرۇش كېرەك. مەلۇم بىر خىل مەززىلىك پۇراققا قارىتا بالىلاردا خۇشال بولۇش كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈپ، بالىنىڭ ھېس دۇنياسىنى بېيىتىشقا بولىدۇ. بالىلارغا ئوخشاش بولمىغان تەملەرگە قارىتا چۈشەنچە پەيدا قىلىشمۇ بىر خىل تەم سەزگۈسىنى مەشىق قىلدۇرۇش جەريانىدۇر. مەسىلەن: ئۇنىڭغا تاۋۇز بېرىپ، ئۇنىڭغا <ھەم قىزىل ھەم تاتلىق تاۋۇز، تاۋۇز بەك تاتلىق> دېيىش ھەم بىر قانچە قېتىم قايتىلاش. ئۇنىڭغا ئاپېلسىن بەرگەندە <ساپسېرىق ئاپېلسىن بىر ئاز چۈچۈمەل> دەپ، ئۇنىڭغا چۈچۈمەل تەمنى تېتىتقۇزۇپ ئۇنىڭغا <بۇ دېگەن چۈچۈمەل تەم> بولىدۇ دېيىش، بالىلارنىڭ يېشى ئازراق چوڭايغاندىن كېيىن بالىلاردىن يېگەن نەرسىنىڭ تەمىنى سوراپ باقسا بولىدۇ. يېمەك - ئىچمەك ئاقىلىق، بالا ئوخشاش بولمىغان تەمنى چۈشىنىۋالىدۇ ۋە بالىنىڭ تەم سەزگۈسىگە بولغان تەسىراتىنى بېيىتقىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بالىلارغا بەرگەن نەرسە زىيادە قىزىش بولسا بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، خاسىڭ مېغىزى دېگەندەك نەرسىلەرنى بەرگەندە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە