يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار <ئىچ مايماق> ياكى<ياسىمان> پۇتمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بوۋاق دەسلەپتە ئانىنىڭ بالىياتقۇسىدىكى چەكلىك بوشلۇقتا يېتىلىدىغانلىقتىن، بەدىنى پەقەت ئەگمە ھالەتتە تۇرالايدۇ. تۇغۇلغاندىن كېيىن ھەم بىر قېتىمدىلا ئېچىلىپ كېتەلمەي پۇت - قولى يەنىلا ئەگمە ھالەتنى ساقلاپ قالىدۇ. شۇڭا <ئىچ مايماق> ياكى <ياسىمان> پۇت كۆرۈنىدۇ. ئاتا - ئانىلار بوۋاقنى ئاستا، ئاغرىتماي ئادەتتىكى ئورۇنغا قويۇپ كۆرۈپ ئەنسىرىمسىمۇ بولىدۇ. بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ ئۈچ - تۆت ياشلارغا كىرگەندە، پۇت - پاچاقلىرى چوڭلارنىڭكىدەك نورمال ھالەتتە بولىدۇ. لېكىن ئەگەردە بوۋاقنىڭ پۇت - پاچاقلىرى بىر ئاز قاتتىق، قويغاندا ئاغرىسا ياكى پۇت - قولىدا سەل ئېغىر دەرىجىدە تەتۈر ئايلانغان ئەھۋال بولسا، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈپ داۋالاش كېرەك.