قۇياش ھالاك بۇلامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بىزگە مەلۇمكى، قۇياشنىڭ ئالامدە لاۋۇلداپ يېنىۋاتقىنىغا 5 مىلىيارد يىل بولدى. ئۇنداقتا، قۇياش ھالاك بولامدۇ؟ ئاسترونوملارنىڭ نەزىرىدە، تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭمۇ بىز ئىنسانلارغا ئوخشاشلا ئۆزلىرىنىڭ يېشى بولىدۇ. بىراق بىر دانە تۇرغۇن يۇلتۇز بارلىققا كېلىشتىن ھالاك بولۇشقىچە بىر قانچە مىليون يىل، ھەتتا بىر قانچە مىليارد يىل <ئۇزۇن ئۆمۈر> كۆرىدۇ.
قۇياش بولسا سامانيولى سىستېمىسىدىكى بىر ئاددىي تۇرغۇن يۇلتۇز بولۇپ، ھازىر دەل كۈچ - قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان <ئوتتۇرا ياشلىق> مەزگىلىدە تۇرماقتا. قۇياش تەركىبىدە زور مىقداردا ھىدروگېن ئېلېمېنتى بار، ھىدروگېن ئاتوم يادروسىنىڭ توختىماستىن رېئاكسىيە پەيدا قىلىش نەتىجىسىدە، قۇياش ئۆزىدىن ئۈزلۈكسىز ھالدا يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق تارقىتىپ تۇرىدۇ. ئالىملارنىڭ ھېسابلاپ چىقىشىچە، قۇياشتىكى ھىدروگېن ئېلېمېنتى قۇياشنىڭ يەنە 5 مىليارد يىل يېنىشىغا يېتىدىكەن. ئۇنداقتا، يەنە 5 مىليارد يىل ئۆتكەندىن كېيىن قۇياشنىڭ ئەھۋالى قانداق بولار؟
ئۇ چاغدا، قۇياشنىڭ ھەجىمى كېڭىيىپ، ئەسلىدىكىسىدىن بىر قانچە مىڭ ھەسسە يوغىنايدۇ - دە، ئۇ بىر دانە قىزىل گىگانىت يۇلتۇزغا ئايلىنىدۇ. قىزىل گىگانتى يۇلتۇز باسقۇچى ئارقىلىق، قۇياش <ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى> گە كىرىدۇ. بۇ باسقۇچتا قۇياشنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ۋە يورۇقلۇق دەرىجىسىدە دەۋرىيلىك ئۆزگىرىش بولۇپ، بەكمۇ تۇراقسىز بولىدۇ. بۇنىڭ ئارقىدىنلا پارتلاش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، ئۇنىڭدىكى جىسىملار توختىماستىن سىرتقا ئېتىلىپ تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قۇياش بارلىق ئېنېرگىيىسىنى بارغانسېرى تېز خورىتىپ تۈگىتىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا كۈچلۈك ھالدا قورۇلۇپ، ئۇ بىر دانە ئاق پەتەك يۇلتۇزغا ئايلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ شانلىق ھاياتى ئاخىرلىشىدۇ.
قۇياش ھالاك بولغان چاغدا، يەر شارى ئاللىقاچان يوقالغان بولىدۇ. ئېھتىمال، ئۇ چاغلاردا ئىنسانلار تېخىمۇ يۈكسەك مەدەنىيلىككە ئىگە بولۇپ، يۇلتۇزلار ئارا قاتناشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئالەمنىڭ باشقا بىر يېرىدە ئۆزىنىڭ گۈزەل ماكانىنى قۇرۇپ چىقار.