UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن بوۋاقلار قىزىپ قالغاندا قىزىتماقايتۇرۇش دورىلىرىنى قالايمىقانئىشلىتىشكە بولمايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بوۋاقلار قىزىپ قالغاندا قىزىتماقايتۇرۇش دورىلىرىنى قالايمىقانئىشلىتىشكە بولمايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بوۋاقلار قىزىپ قالغاندا قىزىتما قايتۇرۇش دورىسىنى قالايمىقان ئىشلىتىشكە بولماسلىقنىڭ سەۋەبى: 1. قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى پەقەت قىزىتمىنى ۋاقتىلىق چۈشۈرەلەيدۇ، ئۇ ھەرگىزمۇ ھەقىقىي كېسەل داۋالايدىغان دورا ئەمەس، كېسەل داۋالاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولمايدۇ. بەزىدە ئەكسىچە كىشىلەرگە كېسەلنى داۋالاپ ساقايتقاندەك خاتا تۇيغۇ بېرىپ داۋالاشنىڭ پۇرسىتىنى كېچىكتۈرگۈزۈۋېتىدۇ؛ 2. بوۋاق - گۆدەكلەرنىڭ دورىغا بولغان بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ھەرگىزمۇ چوڭلارغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. قىزىتما قايتۇرۇش دورىسىنى قالايمىقان ئىشلەتكەندە، بەلكىم مىقدارى بەك كۆپ بولۇپ كېتىش، دورىنى خاتا ئىشلىتىش سەۋەبلىك كېسىلىنى ساقايتالمايلا قالماي بەزىدە ئەكسىچە كېسەللىك ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ ياكى باشقا كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ 3. قىزىتما قايتۇرۇش دورىسىنى قالايمىقان ئىشلىتىش كېسەلنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى يوشۇرۇپ، دوختۇرنىڭ بوۋاقنىڭ ھەقىقىي كېسىلىگە دىئاگنوز قويۇشقا تەسىر يەتكۈزۈپ، بۇنىڭ بىلەن داۋالاشنىڭ پۇرسىتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە