UyghurWiki
UyghurWikiنەمەقارىغاچ ھاشارات تۇتۇش ماھىرىمۇ؟

قارىغاچ ھاشارات تۇتۇش ماھىرىمۇ؟

نېمە ئۈچۈن باھار كېلىپ، تەبىئەت گۈل - چېچەككە پۈركەنگەندە، جەنۇبتىن ئۇچۇپ كەلگەن قارلىغاچلار ئالدىراش ھالدا ئۇۋا ياساشقا كىرىشىپ كېتىدۇ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق باھار مەنزىرىسىگە يېڭى ھۆسىن قوشىدۇ. قارلىغاچ ئىچىدە ئۆي قارلىغىچى كۆپرەك ئۇچرايدۇ. ئۆي قارلىغىچى بىر خىل پەسىل قۇشى بولۇپ، باھاردا كېلىپ، كۈزدە كېتىپ ئالدىراش يۈرىدۇ. قارلىغاچ ناھايىتى كەڭ تارقالغان بولۇپ، كۈز پەسلىدە ئۇلار شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئوكيانىيىنىڭ شىمالىدىكى بىر قىسىم جايلارغا بېرىپ قىشنى ئۆتكۈزىدۇ. باھاردا يەنە توپ - توپ بولۇپ ئېلىمىزگە قايتىپ كېلىدۇ. قارلىغاچنىڭ بىر جۈپ تار قانىتى بار بولۇپ، ئاچا قۇيرۇق كېلىدۇ، قۇيرۇقى خۇددى قايچىغا ئوخشىشىدۇ. قارلىغاچنىڭ جۇغى ئۇنىڭ تېز ئۇچۇشىغا ناھايىتى ماس كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئېغىزى ياپىلاق ھەم كەڭ بولۇپ ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىنى ھاسىل قىلغان. ئېغىزىنى ئاچقاندا تۆت چاسا ھالەتكە كېلىدۇ. قارلىغاچنىڭ ئېغىزى ناھايىتى چوڭ ئېچلىدىغان بولغاچقا، ئۇچۇپ كېتىۋېتىپ ئالدىغا كەلگەن ھەر خىل ھاشاراتلارنى ئوڭايلا تۇتۇۋالالايدۇ. قارلىغاچ ھەقىقەتەن ھاشارات تۇتۇش ماھىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكلىرى ئىچىدە پاشا، چىۋىن، قارىغۇ چېرىپاشكا، ماي قوڭغۇزى، يوپۇرماق پىتى قاتارلىق دېھقانچلىق زىرائەتلىرىگە زىيانلىق زىرائەتلىرىگە زىيانلىق ھاشاراتلاربار. قارلىغاچنىڭ ھاشارات تۇتۇش جەھەتتىكى نەتىجسى ئىنتايىن گەۋدىلىك. ستاتسىتىكا قىلىنىشىچە، بىر جۈپ قارلىغاچ بىلەن ئۇلارنىڭ بالىلىرى يېرىم يىل ئىچىدىلا 500 مىڭدىن 1 مىليونغىچە زىيانداش ھاشاراتنى تۇتىدىكەن. بۇ سان ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا، كۆپىنچە ھاللاردا زىيانداش ھاشاراتلارنى دېھقانچىلىق دورىسى ئارقىلىق يوقتىشتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى ئۇسۇل قوللىنىلىپ كەلگەن. لېكىن بۇنداق قىلغاندا مۇھىت بۇلغىندۇ، ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، ھەر قايىسى دۆلەتلەر زىيانداش ھاشاراتلارنى يوقىتىشتا بىئولوگىيىلىك ئۇسۇلنى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. قارلىغاچ زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ دۈشمىنى، ئىنسانلارنىڭ دوستى. شۇڭا، بىز قارلىغاچلارنى ياخشى قوغداپ، ئۇلارنى ئىنسانلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
قارىغاچ ھاشارات تۇتۇش ماھىرىمۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki