تۇغما دۆتلۈك دېگەن نېمە؟
نېمە ئۈچۈن
تۇغما دۆتلۈك< يەنە >21 - ئۈچ گەۋدە يىغىندىسى كېسەللىك ئالامىتى< >دوۋن سىندورمى تۇغما دۆتلۈك تىپى< دېيىلىدۇ. بۇ خروموزمانىڭ توساتتىن غەيرىي ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان تۇغما كېسەللىك، بۇ كېسەلنىڭ داۋالاش ئۇسۇلى يوق. نورمال ئادەم تېنىدە 23 جۈپ مەنبەداش خىروموزما بولۇپ، ئاتا تەرەپ ئۇرۇقىدىن كەلگەن بىر گۇرۇپپا خىروموزما بىلەن ئانا تەرەپ تۇخۇمىدىن كەلگەن بىر گۇرۇپپا خىروموزما ئورتاق تەشكىل قىلغان. ئەگەردە خروموزمادا غەيرىي ئۆزگىرىش بولىدىكەن، دائىم نۇرغۇن گېنلار بىلەن چېتىشىپ كۆپ خىل كلىنكىلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئادەتتە خروموزما يىغىندى كېسەللىكى دېيىلىدۇ. تۇغما دۆتلۈك كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچى بالىلارنىڭ 21 - خروموزومى ئادەتتىكى كىشىلەردىن بىرى ئارتۇق بولغانلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان يىغىندى كېسەللىك. بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچى بالىلار باش شەكلى نورمال بولماسلىق، كۆز ئارىلىقى كەڭ، كۆز قۇيرۇقى ئېگىز، قاڭشىرى ئولتۇرۇشقان، كالپۇكى كەڭ ھەم چوڭ، تىلىنى دائىم سىرتىغا چىقىرىپ تۇرىدىغان، شالۋاق ئاقىدىغان، سۈت ئېمەلمەيدىغان، قولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تېرە سىزىقلىرى تۇتاشما قولنى شەكىللەندۈرگەن، ئادەتتە يىغلىمايدۇ، ئاۋازى سۈزۈك ئەمەس، ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەن قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ. تەتقىقات ماتېرىياللىرىدىن كۆرسىتىلىشىچە، ھامىلىدار ئايالنىڭ يېشىنىڭ چوڭ بولۇشى، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى، زىيانلىق نەرسىلەر بىلەن ئۇچرىشىش، ھاراق ئىچىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇرۇق بىلەن (ياكى) تۇخۇمنىڭ قېرىشى ۋە غەيرىيلىكى، تۇغما دۆتلۈك قاتارلىق تۇغما غەلىتىلىكلەرنىڭ ئاساسلىق پەيدا قىلغۇچى سەۋەبى بولىدىكەن.
35 ياشتىن يۇقىرى ئاياللار ئاجراتقان تۇخۇم ئاسانلا خروموزما بۆلۈنمەسلىكتىن تىرىزوما شەكىللەندۈرىدۇ. شۇڭا چوڭ ياشلىق ئاياللار تۇغقان بالىلارنىڭ تۇغما دەلدۈشلۈك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى چوڭراق. 35 ياشتا تەخمىنەن 1/365؛ 40 ياشتا تەخمىنەن1/110؛ 15 ياشتىن يۇقىرى بولغاندا 1/32گە يېتىدۇ.