ھامىلە تەربىيىسى ئەقلىي قابىلىيەتنى ئۆستۈرەمدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ھامىلە تەربىيىسى دېگەن بۇ سۆز كىشىلەرگە ناتونۇش ئەمەس، بىراق ھامىلە تەربىيىسى توغرىسىدا بىر - ئىككى ئېغىز سۆز بىلەنلا ئېنىق چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ. ھامىلە تەربىيىسى يالغۇز ھامىلىگە بولغان تەربىيىسىنى كۆرسىتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ھامىلىدار ئانىلارغا بولغان تەربىيىنى كۆرسىتىدۇ. ھامىلە تەربىيىسى كونكرېت بولغان ئىلمىي مەدەنىيەت ئوقۇتۇشى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ھامىلىدار ئاياللاردا ياخشى كەيپىيات ئىچىدىكى ئوزۇقلۇق ئارقىلىق ھامىلىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. ھامىلە تەربىيىسى يەنە ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ياخشى روھىي كەيپىيات ئېڭى جەھەتتىكى ساغلاملىقنى قوغلىشىپ، ھامىلە ئۈچۈن بىر ياخشى بولغان ھامىلىدارلىق مۇھىتىنى يارىتىپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. جۇڭگودىكى قەدىمكى ئاقىللارنىڭ قارىشىچە، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئاياللارنىڭ گەپ - سۆزى، يۈرۈش - تۇرۇشى، مۇھەببەت - نەپرىتى قاتارلىق پسىخىكا پائالىيەتلىرى كېيىنكى ئەۋلادنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا نازۇك رول ئوينايدىكەن. شۇڭا، ئاياللار ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن روھىي جەھەتتىكى تەڭشەش ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىكى تەربىيىگە دىققەت قىلىش كېرەك. قورساقتىكى بالا گەرچە تۇغۇلمىغان بولسىمۇ، بىراق ئانىنىڭ گەپ - سۆز، يۈرۈش - تۇرۇشى، مۇھەببەت - نەپرىتى قاتارلىقلار ھامىلىدە بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. ھامىلە تەربىيىسى ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرەمدۇ - يوق؟ بالىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى ئۆستۈرەمدۇ - يوق؟ قاتارلىقلاردا ئىلىم - پەن دۇنياسىدا گەرچە تالاش - تارتىش بولسىمۇ، بىراق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ قارىشى بىردەك بولۇپ، يەنى ھامىلە تەربىيىسىنى توغرا ئېلىپ بېرىپ، ھامىلىدار ئاياللاردا ياخشى بولغان كەيپىيات ۋە گۈزەل ئارزۇ - ئىستەكلەرنى پەيدا قىلىش كېرەك. بۇ ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق.