ئەمچەكتىن ئايرىشنى ئاستا - ئاستا باشلاش كېرەكمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بالىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ خىلمۇخىل ئوزۇقلۇق ماددىلارغا بولغان تەلىپىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. تۆت ئايلىق بولغان بالىلار ساپ ئانا سۈتىدىن قانائەت تاپىدۇ، بالا چوڭايغانسېرى، ئوزۇقلۇق ماددىلارغا بولغان تەلىپىمۇ بارغانسېرى ئۆرلەيدۇ. شۇڭا، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بېرىپ مېڭىش ئىنتايىن مۇھىم. بىراق ئەمچەكتىن ئايرىش مەزگىلىدە، ياش ئانىلار دائىم جىددىيلىشىپ كېتىدۇ، بۇ بالىنىڭ ئىشتىھاسىنى بوغۇپ قويىدۇ. بىز بالىنىڭ تەم سەزگۈسىنىڭ ئىنتايىن ئۆتكۈرلۈكىنى ۋە يېمەكلىكلەرنى ئىنتايىن تاللايدىغانلىقىنى بىلىمىز، بولۇپمۇ ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بالىلار دائىم باشقا يېمەكلىكلەرنى تاللايدۇ. شۇڭا، بالىنى ئەمچەكتىن ئايرىغاندا، تەبىئىي ھالدا ئاستا - ئاستا ئەمچەكتىن ئايرىش يېشىغا كەلگەندە ئايرىش كېرەك. ھەرگىز بالىنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئەمچەكتىن ئايرىشقا مەجبۇرلىماسلىق كېرەك، توغرا بولغان ئۇسۇل — ئەمچەكتىن ئايرىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ھالدا ئۇزارتىپ، ئېمىتىش سانىنى تەدرىجىي ئازلىتىپ، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بېرىشنى تەدرىجىي كۆپەيتكەندە، بالىلارمۇ بۇ خىل يېمەكلىك يېيىش ئادىتىگە بارغانسېرى كۆنۈپ، تەبىئىيلا ئەمچەكتىن ئايرىلىدۇ.