يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ قۇلىقىنى قانداق تازىلاشۋە ئاسراش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ قۇلاق يولى ئىنتايىن تار ھەم سەزگۈر، سۇ كىرىپ كەتكەن ھامان ئاسانلا ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھەتتا قۇلاق يولىدا چىيقان پەيدا بولىدۇ. سىرتقى قۇلاق يولى ياللۇغلىنىپلا قالسا ئىنتايىن قاتتىق ئاغرىپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار يىغلاپ توختىمايدۇ، تىنچ ئۇخلىيالمايدۇ. شۇڭا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار دائىم يىغلاپ توختىمىسا، ئانىلار سىرتقى قۇلاق يولىدا ياللۇغلىنىش بار - يوقلۇقىنى كۆزىتىپ بېقىش كېرەك. شۇڭا مەيلى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بېشىنى يۇيۇش، يۇيۇندۇرۇش ياكى كۆز دورىسى تېمىتىشقا بولسۇن، چوقۇم سۇ ۋە دورا سۇيۇقلۇقىنىڭ قۇلاق يولىغا ئېقىپ كىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇلاق سۇپرىسىنى يۇغاندا كىچىك لۆڭگىنى نەمدەپ سۈيىنى سىقىۋېتىپ(چوقۇم سۇنى پاكىز سىقىۋېتىش، قۇلاق يولىغا پاسكىنا سۇ كىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك)، ئاندىن ئىچىدىن سىرتىغا، ئالدىدىن - كەينىگە قارىتىپ سۈرتۈش، قۇلاق يولىدا ياللۇغلىنىش كۆرۈلگەن ھامان دوختۇرخانىدا دىئاگنوز قويۇپ، ۋاقتىدا دورا ئىچكۈزۈپ، دورا تېمىتىش كېرەك. ئۇنىڭدىن سىرت، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ سۆڭىكى تولۇق يېتىلمىگەنلىكتىن قۇلاق سۇپرىسى ئىنتايىن يۇمشاق بولۇپ، دائىم ياننى بېسىپ ياتقاندا قۇلاق سۇپرىسى بېسىلىپ گۈزەللىكىگە تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق مەزگىلىدە ئۇخلاش قىياپىتىنى دائىم ئۆزگەرتىپ تۇرۇش كېرەك.