UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن قالقان بېلىقلارنىڭ كۆزى بىر تەرىپىدىلا بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن قالقان بېلىقلارنىڭ كۆزى بىر تەرىپىدىلا بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن قالقان بېلىقلار سىرتقى كۆرۈنۈشىدىن ئادەتتىكى بېلىقلاردىن روشەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ، ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى، بەدىنىنىڭ ئوڭ تەرىپى بىلەن سول تەرىپى ئوخشاش بولمايدۇ، ئىككىلا كۆزى بەدىنىنىڭ ئۈستۈنكى بىر تەرىپىگە جايلاشقان بولىدۇ. ئادەتتە قالقان بېلىقلار دڭىزنىڭ ئاستىدا ئۆزى يالغۇز جىم يېتىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ناۋادا ئورنىدىن قوزغىلىپ ئۈزسىمۇ، ھەرىكەتلىرى غەلىتىلا كۆرۈنىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئۇنىڭ بەدىنى يان تەرىپىگىلا ھەرىكەتلىنىدىغان بولغاچقا، تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىمىقى تەسكە توختايدۇ، شۇڭا لەپەڭلەپ يۈرگەن يوغان يوپۇرماققىلا ئوخشىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، قالقان بېلىقنىڭ بۇنداق غەلىتە قىياپىتى تۆرىلىشىدىلا شۇنداق بولۇپ قالغان ئەمەس. تۇخۇمدىن چىققان قالقان بېلىجىنى ئادەتتىكى بېلىقلارنىڭ بېلىجانلىرىنىڭكىگە ئوخشاش ئىككى كۆزى بېشىنىڭ ئىككى تەرىپىدە بولىدۇ، دائىم سۇ يۈزىگە چىقىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇلار تۆرىلىپ تەخمىنەن ئۈچ ھەپتە بولغاندا، ئۈزۈش ھەرىكىتى بارا - بارا تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ، دېڭىزنىڭ ئاستىغا چۆكۈپ يانچە يېتىشقا باشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەدەن شەكلىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، ئاستى تەرىپىدىكى كۆزى بارا - بارا ئۈستى تەرىپىگە يۆتكىلىدۇ. ئاخىر ئىككى كۆزى بىر يەردە بولۇپ قالىدۇ. كۆز ئورنىدىكى ئۆزگىرىش قالقان بېلىقىنىڭ دېڭىز ئاستىدىكى قۇم - لايلاردا يانچە يېتىشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ئۈستۈنكى تەرىپىنىڭ رەڭگى ئومۇمەن قېنىقراق بولۇپ، ئەتراپىدىكى مۇھىت بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئەگەر ئۇ باشقا بىر يېڭى مۇھىتقا بارسا، بەدىنىنىڭ رەڭگىنى شۇ مۇھىتنىڭ رەڭگىگە ئۆزگەرتىدۇ، شۇڭا ئۇنى دۈشمەنلىرى ئاسان بايقىيالمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن قالقان بېلىقلارنىڭ كۆزى بىر تەرىپىدىلا بولىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki