UyghurWiki
UyghurWikiنەمەدېڭىز يۈزىنىڭ ئېگىزلىكى ئوخشاش بولامدۇ؟

دېڭىز يۈزىنىڭ ئېگىزلىكى ئوخشاش بولامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بوران توختىسا، دولقۇنمۇ تىنچىيدۇ. قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، بوران توختاپ دولقۇن تىنچىغاندا دېڭىز يۈزى سۇ يۈزى تەكشىلىكىدە بولۇشى كېرەك. لېكىن ئەمەلىيەتتە، يەر شارىدىكى ھەر قايسى دېڭىز - ئوكيانلارنىڭ سۇ يۈزى تەكشىلىكى ئوخشاش بولمايدۇ، بەلكى ئېگىز - پەس بولىدۇ، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ئەسلىدە، يەر شارىنىڭ سىرتقى يۈزى تەكشى بولماستىن بەلكى ئويمان - دۆڭ بولىدۇ. شۇڭا يەر شارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىنىڭ يەر مەركىزىگە بولغان تارتىلىش كۈچىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن، بىز بىر جىسىمنى جىڭلىماقچى بولۇپ، يەر شارىدىكى ئوخشاش بولمىغان جايدا جىڭلىساق ئۇنىڭ ئېغىرلىقى ئوخشاش چىمايدۇ. تۆۋەن كەڭلىكتە جىڭلىغان نەتىجە يۇقىرى كەڭلىكت جىڭلىغاندىكىدىن يېنىكرەك چىقىدۇ. چۈنكى تۆۋەن كەڭلىك رايونىدا يەر شارىنىڭ رادىئوسى چوڭراق بولغاچقا، جىسىم ئۇچرايدىغان تارتىش كۈچى، يەنى ئېغىرلىق كۈچى (ئېغىرلىق مىقدارى) كىچىكرەك بولىدۇ. مۇشۇ قائىدىگە ئوخشاش، دېڭىز - ئوكيان تەكتىنىڭ تارتىش كۈچىمۇ بىر يەرنىڭكى بىلەن يەنە بىر يەرنىڭكى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزى جايلارنىڭ دېڭىز تەكتىنىڭ يەر پوستى قېلىن بولىدۇ، تەركىبىدىكى ماددىلارمۇ كۆپ بولىدۇ، تارتىش كۈچىمۇ نىسبەتەن چوڭ بولىدۇ، شۇڭا دېڭىز سۈيىنى كۆپ تارتىدۇ، نەتىجىدە ئوكيان يۈزى توختاپ دولقۇن تىنچىغان ئەھۋالدىمۇ باشقا رايوندىكى ئوكيان يۈزىدىن بىر <سۇ چوققىسى> يۇقىرى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، كىشىلەر شۇنى بايقىغانكى، ھىندى ئوكياننىڭ سىرىلانكا ئەتراپىدىكى سۇ يۈزى باشقا ئوكيانلارنىڭ سۇ يۈزىدىن 110 مېتىر ئېگىز ئىكەن، لېكىن ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىسلاندىيە ئارىلى ئەتراپىدىكى سۇ يۈزى باشقا چوڭ ئوكيانلارنىڭ سۇ يۈزىدىن 65 مېتىر تۆۋەن ئىكەن.
← بارلىق تېمىلار نەمە
دېڭىز يۈزىنىڭ ئېگىزلىكى ئوخشاش بولامدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki