UyghurWiki
UyghurWikiنەمەقۇياش ئېلېمېنتى دېگەن نېمە؟

قۇياش ئېلېمېنتى دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن ئېلېمېنت دېگىنىمىز، خىمىيىۋى ئېلېمېنتلارنى كۆرستىدۇ، مەسىلەن، ئوكسىگېن ئېلېمېنتى، تۆمۈر ئېلېمېنتى، كاربون ئېلېمېنتى قاتارلىقلار. ئۇنداقتا، <قۇياش ئېلېمېنتى> دېگەن نېمە؟ قۇياش ئېلېمېنتى دېگەندە، خىمىيىۋى ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىدە ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلغان ئېلېمېنت گېلىي كۆزدە تۇتۇلىدۇ. گېلىينىڭ قۇياش بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ قۇياشتا ھەممىدىن مول ئېلېمېنت ھىدروگېن، ئۇنىڭدىن قالسا گېلىيدۇر. ئەمما گېلىي ئېلېمېنتىنى ئالىملار ئەڭ باشتا قۇياشتا بايقىغان. 1868 - يىل 8 - ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، فرانسىيىلىك ئالىم جېنسېن كۈننىڭ تولۇق تۇتۇلۇشىنى كۆزىتىۋېتىپ، قۇياش ئۆسۈكىنىڭ سپېكترىدا بىر تال يورۇق سېرىق سىزىق بارلىقىنى، بۇ سېرىق سىزىقنىڭ يەر شارىدا بايقالغان ئېلېمېنتلار سپېكترىغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بايقايدۇ. ئىنچىكىلەپ كۆزىتىش ئارقىلىق، جېنسېن بۇ سېرىق سىزىق قۇياشتا يەر شارىدا مەۋجۇت ئەمەس. بىر خىل ئالاھىدە ئېلېمېنت بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ دەپ قاراپ، ئۇنى <قۇياش ئېلېمېنتى> دەپ ئاتايدۇ. كىشىلەرنىڭ يەر شارىدا <قۇياش ئېلېمېنتى> نى تېپىشى شۇنىڭدىن 27 يىل كېيىنكى ئىش. 1895 - يىلى ئەنگىلىيىىك داڭلىق خىمىيە ئالىمى رامساي ئىتتىرىي - ئۇران كېنىدا ھاسىل بولىدىغان گازنى ئۆلچەۋاتقاندا، گاز سپېكترىدا چۈشىنىكسىز بىر تال سېرىق سىزىق تۇرغانلىقىنى بايقايدۇ. بۇ چاغدا رامساي بىردىنلا قۇياشسپېكترىدىكى ھېلىقى سېرىق سىزىقنى ئېسىگە ئالىدۇ. نۇرغۇن تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، ئىتتىرىي - ئۇران كېنىدا ھەقىقەتەن <قۇياش ئېلېمېنتى> - گېلىي مەۋجۇت ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە