يېڭى تۇغۇلغانلاردىكى ئۆپكە ياللۇغى بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغانلاردىكى ئۆپكە ياللۇغى، سۈمۈرۈش خاراكتېرىدىكى ئۆپكە ياللۇغى ۋە يۇقۇمچان ئۆپكە ياللۇغى كۆپىنچە ھاللاردا ھامىلە بالىياتقۇ ئىچىدىكى ۋاقىتتا ئوكسىگېننىڭ يېتىشمەسلىكى تۈپەيلىدىن، نەپەسلىنىشكە باشلىغاندا، مەقئەتنىڭ بوشىشى تۈپەيلىدىن چىققان ھامىلە گەندىسى، باش سۈيى قاتارلىقلار پەيدا قىلغان ئۆپكە ياللۇغى بولۇپ، بىر قىسىم سۈمۈرۈشچان ئۆپكە ياللۇغى بېقىش مۇۋاپىق بولماسلىق ۋە ھەزىم قىلىش يوللىرىنىڭ غەيرىي نورمال بولۇشى تۈپەيلىدىن سۈتنى سۈمۈرۈۋالغاندىن كېيىن شەكىللەنگەن ئۆپكە ياللۇغىنى كۆرسىتىدۇ. يۇقۇمچان ئۆپكە ياللۇغىدىكى كېسەللىك سەۋەبى باش سۈيى قېپىنىڭ بالدۇر يىرتىلىشى تۈپەيلىدىن تۇغۇلىدىغان ۋاقىتتا ۋىرۇسلۇق باش سۈيى بىلەن يۇقۇملىنىشى تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدۇ. ياكى بالىلارنىڭ تېرىسىنىڭ يۇقۇملىنىش، كىندىك ياللۇغى قاتارلىقلارنىڭ قاندا كېسەللىك پەيدا قىلىپ، پۈتۈن بەدەنگە تارقىلىشى تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدىغان يۇقۇمچان ئۆپكە ياللۇغىنى كۆرسىتىدۇ. باش سۈيى ياكى ھامىلە گەندىسىنى سۈمۈرۈپ كېتىش ئارقىلىق پەيدا بولىدىغان سۈمۈرۈشچان ئۆپكە ياللۇغى بىلەن ئانا بەدىنىدىكى يۇقۇمچان ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلار تۇغۇلغاندا تۇنجۇقۇپ قالىدۇ. جىددىي قۇتقۇزۇش ئارقىلىق ھوشىغا كەلتۈرگەندە چىرايى ناچار، كۆكىرىپ كەتكەن، نەپىسى جىددىي ھالەتتىن ئاستا - ئاستا ياخشىلىنىدۇ ياكى تەرتىپلىك بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغانلار دائىم ئىڭرىغاچقا، ئۆپكىسىدىن ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ. تۇغۇلغاندا ياكى تۇغۇلغاندىن كېيىن يۇقۇمچان ئۆپكە ياللۇغى ياكى سۈمۈرۈشچان ئۆپكە ياللۇغى ياكى سۈمۈرۈشچان ئۆپكە ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا تۇغۇلۇپ ئۈچ كۈندىن كېيىن كېسەللىك قوزغىلىدۇ. يېڭى تۇغۇلغاندا نەپىسى جىددىي، ئېغىز ئەتراپى كۆكىرىپ كېتىدۇ. ئاپئاق ماغزاپ يانىدۇ، سۈتنى ياندۇرىدۇ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. 35℃ دىن تۆۋەن بولىدۇ ياكى قىزىپ كېتىدۇ. ئىككى ھەپتىدىن يۇقىرى بولغان بوۋاقلار يۆتىلىدۇ. شۇنداقلا قورسىقى قاتتىق ئاغرىيدۇ، ياندۇرىدۇ، ئىچى سۈرىدۇ. يۈرەك رىتىمى تېزلىشىپ كېتىدۇ. باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملانغاندا قاندا ئاق قان ھۈجەيرىسى ئۆرلەپ كېتىدۇ. كېسەللىك ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندا ئاق قان ھۈجەيرىلىرى نورمال بولىدۇ ياكى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. كۆكرىكىدە ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئۆزگىرىشى بولىدۇ. مەيلى قانداق سەۋەب يېڭى تۇغۇلغانلاردا ئۆپكە ياللۇغىنى پەيدا قىلغان بولسۇن، يېڭى تۇغۇلغانلاردا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ئەھۋالى مەۋجۇت بولىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىمىسە، ئوكسىگېننىڭ كەم بولۇشىدىن يېڭى تۇغۇلغانلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت مېڭىسىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ بالىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىگە ناچار تەسىر پەيدا قىلىدۇ.