UyghurWiki
UyghurWikiنەمەخالتىلىق ھايۋانلار قەيەردە ياشايدۇ؟

خالتىلىق ھايۋانلار قەيەردە ياشايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن سىز قوللىرى قىسقا، پۇتلىرى ئۇزۇن، چىشىلىرىنىڭ قورسىقىدا بالا بېقىش خالتىسى بار ھايۋاننى كۆرگەنمۇ؟ ئۇ كېنگۇرۇ بولۇپ، خالتىلىق ھايۋانلار ئىچىدە سانى ئەڭ كۆپ ھايۋان ھېسابلىنىدۇ. سىز كېنگۇرۇنى پەقەت ھايۋانات باغچىسىدىلا كۆرگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. چۈنكى، سىز ئۇنى ئېلىمىزدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئاسىيا، ھەتتا ياۋروپا، ئافرىقا قىتئەلىرىدىكى ئورمانلىقلار دەپمۇ ئۇچرىتالمايسىز. بۇنداق خالتىلىق ھايۋانلارنى پۈتكۈل يەر شارىدىكى پۈتكۈل يەر شارىدىكى قۇرۇقلۇقنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدىغان ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپادىمۇ ئۇچراتقىلى بولمىسا، ئۇنداقتا، ئۇلار نەسلى قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بولمامدۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. ئاۋسترالىيىدىن ئىبارەت بۇ بوستانلىقتا نۇرغۇن خالتىلىق ھايۋانلار ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ياشاپ كەلمەكتە. خاتىرىلىنشىچە، ئاسترالىيىدە تەخمىنەن 150 خىل خالتىلىق ھايۋان بار ئىكەن. بۇ يەردە كېنىگۇرۇدىن باشقا يەنە خالتىلىق بۆرە، خالتىلىق ئاغمىخان، خالتىلىق قارىغۇ چاشقان قاتارلىق ھايۋانلارمۇ بار بولۇپ، تۇرى خېلى كۆپ. بۇنىڭدىن باشقا، خالتىلىق ھايۋانلار ئامېرىكا قىتئەسىگىمۇ تارقالغان. ئۇنداقتا، بۇ خالتىلىق ھايۋانلار نېمە ئۈچۈن ئاۋسترالىيە قاتارلىق ئاز ساندىكى رايونلارغىلا تارقالغان؟ ئالاقىدار ماتېرىياللاردا كۆرستىلىشىچە، ناھايىتى ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى، ياۋرۇپا، ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدا مۇشۇنداق خالتىلىق ھايۋانلار ياشىغانىكەن. لېكىن ئۇلار بالا ھەمراھى بار ئالىي دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ كۈچلۈك رىقابىتىگە ۋە زىيان - زەخمەت يەتكۈزۈشىگە بەرداشلىق بېرەلمىگەچكە، كېيىن تەدرىجىي يوقىلىپ كەتكەن. ئاۋىسترالىيە باشقا قۇرۇقلۇقلاردىن ناھايىتى يىراق بولغان چوڭ «ئارال» بولۇپ، كېنگۇرۇلار بۇ يەردە بالا ھەمراھى بار ئالىي دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ كۈچلۈك رىقابىتىگە دۇچ كەلمىگەچكە، داۋاملىق ياشاپ نۇرغۇن ئەۋلاد قالدۇرغان. شۇڭا، خالتىلىق ھايۋانلار پەقەت ئاۋسترالىيە قاتارلىق ئاز ساندىكى رايونلارغىلا تارقالغان.
← بارلىق تېمىلار نەمە