UyghurWiki
UyghurWikiنەمەقايسى خىل ئىچىملىك بالىلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئىچىملىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ؟

قايسى خىل ئىچىملىك بالىلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئىچىملىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن نۆۋەتتە بازارغا سېلىنىۋاتقان ئىچىملىكنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇ ئاتا - ئانىلارنىڭ كۆزىنى ئالىچەكمەن قىلىپ، قايمۇقتۇرۇپ قويىدۇ. ئۇنداقتا بوۋاقلار قانداق ئىچملىك ئىچسە ئەڭ مۇۋاپىق، بالىلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئىچىملىكى يەنىلا قايناق سۇ، قايناق سۇ بولسا ئادەم بەدىنىدىكى ئالتە چوڭ ئوزۇقلۇق ماددىسىنىڭ بىرى. ئادەم بەدىنىدىكى ئاساسلىق تەركىبلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ نورماللىقىنى، مۇقىملىقىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ۋە يېڭى مېتابولىزىم ھەرىكىتى قاتارلىق جەھەتتە ناھايىتى مۇھىم رولغا ئىگە. مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، تۈرلۈك ئىچىملىكلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئىلمان قايناق سۇ ئەزالاردىكى سۈت كىسلاتاسىنى چىقىرىپ تاشلاپ، ھىدروگىن ئېنزىمىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. بۇ مۇسكۇللاردىكى <چارچاتقۇچى ماددا> — سۈت كىسلاتاسىنىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق. بۇ ئارقىلىق ھېرىپ - چارچاشنى تۈگىتىشكە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قايناق سۇدا بوياق ماددىسى ۋە باشقا ئېلېمېنتلار يوق بولۇپ، ھەم تېجەشلىك، ھەم بىخەتەر تەبىئىي ئىچىملىك.
← بارلىق تېمىلار نەمە