UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبوۋاقلارغا يود قانداق تولۇقلىنىدۇ؟

بوۋاقلارغا يود قانداق تولۇقلىنىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بوۋاققا يود تولۇقلاشتا ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ئانا سۈتى بىلەن بېقىش ئارقىلىق ئانا تېنىدىن يېتەرلىك يودقا ئېرىشىپ، بوۋاق، بالىلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش. بۇ مەزگىلدە ئانا تېنىنى يود بىلەن تەمىنلىگەندە، بوۋاق بالىلاردا يود كەملىك كۆرۈلمەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلىدە ئانا ھەر كۈنى ئاز دېگەندىمۇ 200 مىكروگرام يود قوبۇل قىلىشى كېرەك، شۇنىڭدىلا ئانا - بالا ھەر ئىككىسىنىڭ لازىملىق يود مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلغىلى، شۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك ھالدا يود كەملىكىنىڭ ئانا - بوۋاققا ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئانا ئادەتتە پەقەت تەركىبىدە يود بولغان تۇزنى ئىستېمال قىلسىلا ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. لېكىن يودلۇق تۇزنى ئىستېمال قىلىشتىمۇ ئىلمىي بولۇش كېرەك. بولمىسا يود تولۇقلاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. يودلۇق تۇزنى يەپ بولۇشقا ئەگىشىپ سېتىۋېلىش؛ ئاغزىنى ئېچىۋەتكەندىن كېيىن ھىم ئېتىلىدىغان قاچىلارغا سېلىپ، يودنىڭ تۇزدا پارلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ قورۇما قورۇغاندا، شورپا سالغاندا تۇزنى ھەممىدىن كېيىن يەنى قازاندىن قورۇمىنى ئېلىشتىن نەچچە سېكۇنت ئىلگىرى ئاش تۇزى سېلىش؛ يودلۇق تۇزنى مايدا قورۇماسلىق، ئىسسىقتىن يودنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە ئانىمۇ بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلىدە يود مىقدارى كۆپرەك بولغان يېمەكلىكلەرنى مەسىلەن: لامىنارىيە (خەيدەي)، قىزىل دېڭىز يۇسۇنى (زىسەي)، يېڭى تاسما بېلىق، قۇرۇق سەدەپ، دېڭىز ئادەمگىياھى، قالپاقلىق مېدوزا، چوڭ راك قاتارلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك. سۈنئىي بېقىلغان بوۋاقلارغا ئەڭ ياخشىسى ئۆلچەملىك تەييارلانغان سۈت بېرىش، ئەگەر بوۋاقتا يود كەملىك كۆرۈلۈشتىن ئەنسىرىسە، دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ مەخسۇس ئۆلچىتىش ۋە كۆرسەتمە ئېلىش، ھەرگىزمۇ خالىغانچە يود تولۇقلىماسلىق كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بوۋاقلارغا يود قانداق تولۇقلىنىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki