نېمە ئۈچۈن مارستا <كۈچلۈك چاڭ - توزان بورىنى> چىقىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
1971 - يىلى ئامېرىكا قويۇپ بەرگەن <ماتروس - 9> ناملىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى مارس ئاسمىنىغا يېتىپ بارغان چاغدا، بىر مەيدان <كۈچلۈك چاڭ -توزان بورىنى> پۈتكۈل مارسنى قاپلىغاندى. قېلىن ساپسېرىق توزان قەۋىتى مارس يۈزىنى توسۇۋالغانلىقتىن، تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى دەماللىققا مارس يەر شەكلىنى سۈرەتكە تارتىشقا ئامالسىز قالغان. 1972 - يىلىنىڭ بېشىغا كەلگەندە، چاڭ - توزان بورىنى بېسىققاندىن كېيىن، <ماتروس - 9> ئاندىن نورمال سۈرەتكە تارتىش خىزمىتىگە كىرىشكەن.
مارستا نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق كۈچلۈك چاڭ - توزان بورىنى چىقىدۇ؟ ئەسلىدە، مارسنىڭ كىلىماتى ئىنتايىن قۇرغاق بولۇپ، ھاۋادا نۇرغۇن توزان دانىچىلىرى لەيلەپ يۈرىدۇ. توزان دانىچىلىرىنىڭ ئىسسىقلىق سۈمۈرۋېلىش رولى نەتىجىسىدە بۇ بۆلەك ھاۋا ئېقىمىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ، ھاۋا ئېقىمىنىڭ يۇقىرىغا ئۆرلىشى جىددىيلىشىدۇ، نەتىجىدە كۆپ توزان دانىچىلىرىنى بوشلۇققا ئاچىقىدۇ. مارستا چىققان شامال بارغانسېرى كۈچىيىدىغانلىقتىن، توزان دانىچىلىرى ھەممە يەرنى قاپلاپ، چاڭ - توزان بورىنى شەكىللىنىدۇ.
كۆلىمى كىچىكرەك چاڭ - توزان بورىنى مارسنىڭ <دائىملىق مېھمىنى> بولۇپ، ھەر ۋاقىت پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ. تەخمىنەن ھەر بىر مارس يىلى (يەر شارىدىكى 687 كۈنگە باراۋەر) دا بىر قېتىم چوك كۆلەملىك چاڭ - توزان بورىنى چىقىدۇ. مارسنىڭ جەنۇبىي يېرىم شارى ياز پەسلىگە قەدەم قويۇپ، ھاۋا ئالاھىدە قۇرغاقلىشىپ كەتكەندە، ھاۋانىڭ يۆتكىلىشى جىددىيلىشىپ، چاڭ - توزان بورنى تېخىمۇ ئەدەپ، ھەر قېتىم چىقسىلا مارسنىڭ جەنۇبىي يېرىم شارىدىن شىمالىي يېرىم شارىغىچە يامراپ، پۈتكۈل مارسنى قاپلىغان <كۈچلۈك چاڭ - توزان بورىنى> غا ئايلىنىدۇ.
چاڭ - توزان بورنى پۈتكۈل مارسنى قاپلىغاندا، تېمپېراتۇرا پەرقى كىچىكلەكە باشلايدۇ - دە، بورانمۇ بارا - بارا پەسىيىپ، ئاسماننى بىر ئالغان توزان دانىچىلىرى ئاستا - ئاستا يەر يۈزىگە قايتىپ چۈشىدۇ، شۇنداق قىلىپ بىر مەيدان <كۈچلۈك چاڭ - توزان بورىنى> بېسىقىپ قالىدۇ.