نېمە ئۈچۈن يېتىپ تۇرۇپ دورا ئىچمەسلىك كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
بەزى بىمارلار كارىۋاتتا يېتىپ تۇرۇپ دورا يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ ياكى دورىنى ئىچىپ بولۇپلا كارىۋاتقا چىقىپ يېتىۋالىدۇ. بۇ بىمارغا كۆيۈنگەندەك كۆرۈنگەن بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئادەم بەدىنىنىڭ دورىنى قوبۇل قىلىشىغا ناھايىتى پايدىسىز.
ئادەم يېتىپ تۇرۇپ دورا يېگەندە، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇنى ئاز ئىچكەندە، دورىنىڭ 40 پىرسەنتى ئاشقازانغا بارالايدۇ، 60 پىرسەنتى قىزىلئۆڭگەچتە توختاپ قالىدۇ ياكى ئۇ يەرگە چاپلىشىپ قېلىپ شۇ يەردە ئېرىيدۇ. نەتىجىدە، قىزىلئۆڭگەچتىكى دورىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. ھەممەيلەنگە ئايان، كۆپ ساندىكى دورىلار خىمىيىلىك رېئاكسىيىنىڭ مەھسۇلى، ئادەم تېرىسىگە، شىلىمشىق پەردىلەرگە ۋە ئورگانىزملارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. قىزىلئۆڭگەچتە تۇرۇپ قالغان دورىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، ئۇ قىزىلئۆڭگەچنى چىرىتىدۇ - دە، قىزىلئۆڭگەچنى زەخىملەندۈرىدۇ، ھەتتا يارا پەيدا قىلىدۇ.
يەنە كېلىپ، ئادەم يېتىپ تۇرۇپ دورا يېگەندە، دورا دەرھاللا ئاشقازانغا بارالمايدۇ - دە، دورا ئۈنۈمىنى ۋاقتىدا جارى قىلدۇرالمايدۇ. دورىنى ئۆرە تۇرۇپ يېسە، ئۇنىڭ ئۈستىگە 10 - 60 مىللىلىتىر يىلمان قايناق سۇ ئىچسە، ئېغىرلىق رولى ۋە سۇنىڭ چايقىلىشى بىلەن دورا بەش سېكۇنتتىلا ئاشقازانغا بېرىپ بولالايدۇ ھەمدە دەرھال رول ئوينىيالايدۇ.
شۇڭا، بىز دورا يېيىش قىياپىتىنىڭ دورا ئۈنۈمىگە كۆرسىتىدىغان رولىغا سەل قارىماسلىقىڭىز كېرەك. توغرا دورا يېيىش ئۇسۇلى شۇكى، دورىنى ئۆرە تۇرۇپ يەپ، ئۈستىگە ئازراق يىلمان قايناق سۇ ئىچىپ، ئاندىن ئۆرە تۇرۇش ياكى ئۇيان - بۇيان مېڭىپ بېرىش.