نېمە ئۈچۈن بەزى ۋاكسىنىنى تېرە ئاستىغا، بەزىلىرىنى بولسا مۇسكۇلغا ئۇرىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملىگەندە، بەزى ۋاكسىنىلار تېرە ئاستىغا ئۇرۇلىدۇ. مەسىلەن: قىزىل، كۆكيۆتەل، بوغما، تىتانۇس ۋە B تىپلىق مېڭە ياللۇغى قاتارلىق ۋاكسىنىلار، ئەكسىچە بەزىلىرى مۇسكۇلغا ئۇرۇلىدۇ. مەسىلەن: B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى قاتارلىقلار. بەزى ئاتا - ئانىلار دائىم بۇ ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل ئوكۇل قىلىش ئۇسۇلىغا نىسبەتەن شۈبھىلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، تېرە ئاستىغا ئوكۇل قىلىشنىڭ ئۈنۈمى مۇسكۇلغا ئوكۇل قىلىشتىن ياخشى. ئەگەر پەقەت ئۈنۈمىنىلا ئويلىسا، ئىمكانقەدەر تېرە ئاستىغا ئوكۇل قىلىشنى قوللانسا بولىدۇ. لېكىن ئاكتىپ ئەمەس ۋاكىسىنىنىڭ ئۈنۈمى ناچارراق بولغانلىقتىن، ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارغا دائىم ئىممۇنولوگىيىلىك رېئاكسىيىسىنى كۈچەيتىدىغان ئىممۇنىتېتلىق ياردەمچى دورا قوشۇۋېتىلىدۇ. ئەگەر بۇ خىل تەركىبىدە ئىممۇنىتېتلىق ياردەمچى دورا بولغان ئاكتىپ ئەمەس ۋاكسىنىنى تېرە ئاستىغا ئوكۇل قىلغاندا، بەلكىم ئېغىر بولغان يەرلىك ئورۇن ئىششىپ ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، ھەتتا مىكروبسىز يىرىڭلىق جاراھەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. مۇسكۇلدا بولسا قان ئېقىمى بىر ئاز كۆپ، مۇسكۇلغا ئوكۇل قىلىنغان ۋاكسىنا ئاسانلىقچە ئەكس تەسىر پەيدا قىلمايدۇ. شۇڭا بۇ خىل تەركىبىدە ئىممۇنىتېتلىق ياردەمچى دورا بولغان ۋاكسىنىنى مۇسكۇلدىن ئوكۇل قىلىش ئۇسۇلىغا ئۆزگەرتىۋەتتى.