نېمە ئۈچۈن تاماق يېگەندە يۇمشاق چايناپ ئالدىرىماي يۇتۇش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
تاماقنى يۇمشاق چايناپ ئالدىرىماي يۇتقاندا تاماقنىڭ پارچىلىنىشىغا، تاماق بىلەن شۆلگەينىڭ تولۇق ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق؛ شۆلگەيدىكى ھەزىم قىلىش فېرمېنتى تاماقنىڭ ھەزىم قىلىنىشىغا پايدىلىق، شۇنداقلا يۇتۇشقا قۇلايلىق يارىتىپ، ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ.
كۆپلىگەن پاكىتلار تاماقنى تېز يەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئاسان كېتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. چۈنكى چوڭ مېڭىدىن ئىبارەت بۇ قوماندانلىق شتابى <مەن تويدۇم، ئەمدى يېسەم بولمايدۇ> دېگەن بۇيرۇقنى چىقىرىشتىن ئىلگىرى، بۇنداق كىشىلەر بىر مۇنچە تاماقنى يەۋېتىدۇ. ئەكسىچە، ئادەتتە تاماقنى يۇمشاق چايناپ ئالدىرىماي يۇتىدىغان كىشىلەر ئاسان سەمىرىپ كەتمەيدۇ، يەنە كېلىپ تاماقنىڭ رەڭگى، پۇرىقى، تەمىدن تولۇق ھۇزۇرلىنالايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، تاماقنى يۇمشاق چايناپ ئالدىرىماي يۇتۇشنىڭ ئۆزى بىر خىل ناھايىتى ياخشى ھۆسىن تۈزەش پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ. تاماقنى قايتا - قايتا چاينىغاندا، يۈزنىڭ بۇلجۇڭ گۆشلىرى ۋە چىش ئوبدان چېنىقىدۇ، يەنى ئۇنىڭ چىشنى ساغلاملاشتۇرۇش، چىڭىتىش ۋە يۈزدىكى بۇلجۇڭ گۆشلەرنىڭ تولغان بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار.
تامانى يۇمشاق چايناپ، ئالدىرىماي يۇتقاندا، شۆلگەي بىلەن تاماق ئارىلىشىدۇ - دە، تاماقتىكى كېسەللىك ۋىرۇسلىرى ۋە زەھەرلىك ئېلېمېنتلارنى ئۆلتۈرۈش، ئۇلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. چۈنكى شۆلگەي تۇزلۇق كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە بىر مۇنچە ھەزىم قىلىش فېرمېنتى، ۋىتامىن، ئانئورگانىك تۇز ۋە ئاقسىل قاتارلىقلار بار. ئۇلار ئورتاق ھالدا ئادەم تېنىدىكى بىرىنچى مۇداپىئە لىنىيىسى رولىنى ئويناپ، ئادەم تېنىنى سىرتتىن كېلىدىغان كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن ساقلايدۇ.
ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، شۆلگەينىڭ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، راكقا قارشى تۇرۇش رولى بار ئىكەن. تەركىبىدە راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار بولغان بەزى يېمەكلىكلەر يۇمشاق چاينالغان ۋە شۆلگەي بىلەن تولۇق ئارىلاشقاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ راك پەيدا قىلىش رولى زور دەرىجىدە ئازىيىپ كېتىدىكەن.
شۇڭا، بىز تاماق يېگەندە چوقۇم يۇمشاق چايناپ ئالدىرىماي يۇتۇشىمىز، ئاچ كۆزلۈك بىلەن ھاپىلا - شاپىلا يەپلا ئىشنى تۈگەتمەسلىكىمىز كېرەك.