نېمە ئۈچۈن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئەسۋابى چەكلەنگەن بۇيۇملارنى تەكشۈرۈپ تاپالايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
پويىز ئىستانىسىسى، ئايروپورت ۋە پرىستاننىڭ كىرىش - چىقىش ئېغىزىغا ئورنىتىلغان بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئەسۋابى يولۇچىلارنىڭ يۈك - تاقلىرىنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ. يۈك - تاقنىڭ ئارىسىدىكى ئوڭاي ئوت ئالىدىغان، پارتلايدىغان ۋە ئوڭاي چىرىيىدىغان چەكلەنگەن بۇيۇملارنى بايقىغان ھامان بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئەسۋابى دەرھال ئاۋاز چىقىرىپ، بۇ بۇيۇملارنىڭ ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشنى توسۇپ، يولۇچىلار ۋە قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ سەپەردىكى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئەسۋابى چەكلەنگەن بۇيۇملارنى تېنتگېن نۇرىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ تاپىدۇ. رېنتگېن نۇرنى گېرمانىيە فىزىكا ئالىمى رېنتگېن ⅨⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرى بايقىغان. ئۇنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ئۇلترا بىنەپشە نۇردىن قىسقا بولۇپ، بىر نانومېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ. شۇڭا ئۇ كۆرگىلى بولمايدىغان نۇر قاتارىغا كىرىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ تېشىپ ئۆتۈش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك. ئادەتتىكى كۆرگىلى بولىدىغان نۇرلار ئەينەككە ئوخشاش سۈزۈك جىسىملارنى تېشىپ ئۆتەلەيدۇ، رېنتگېن نۇرى بولسا مېتال، ياغاچ قاتارلىق خۇنۇك جىسىملارنىمۇ تېشىپ ئۆتەلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە زىچلىقى ئوخشاش بولمىغان جىسىملارنى تېشىپ ئۆتۈش ئىقتىدارىمۇ ئوخشاش ئەمەس. ئېغىرراق ئاتومدىن تەركىب تاپقان جىسىملارنىڭ زىچلىقى يۇقىرىراق بولىدۇ، رېنتگېن نۇرىنى كۆپرەك قوبۇل قىلىدۇ، يېنىكرەك ئاتومدىن تەركىب تاپقان جىسىمنىڭ زىچلىقى كىچىك بولىدۇ، رېنتگېن نۇرىنى ئازراق قوبۇل قىلىدۇ. شۇڭا، ئوخشاش بولمىغان جىسىملارنىڭ رېنتگېن نۇرى چۈشكەندىن كېيىن شەكىللەنگەن كۆلەڭگىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئەسۋابىدا غايەت زور سان ئامبىرى بار، ئۇنىڭ ئىچىدە ھەر خىل نەرسىلەرنىڭ رېنتگېن نۇرى كۆلەڭگە خەرىتىسى ساقلاقلىق. نەرسىلەرگە رېنتگېن نۇرى چۈشكەندە ئەسۋاب ئىچىدىكى ھېسابلاش ماشىنىسى سىستېمىسى رېنتگېن نۇرى كۆلەڭگىسى بىلەن سان ئامبىرىدىكى سانلارنى سېلىشتۇرۇپ ئانالىز قىلىدۇ، ئەگەر چەكلەنگەن بۇيۇم دەپ گۇمان قىلسا ئەسۋاب سىگنال بېرىدۇ.