UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى يۆگەپ <O تىپلىق پۇت>نىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى يۆگەپ <O تىپلىق پۇت>نىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئەمدىلا يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقان بوۋاقنىڭ پۇت - قولى ئەگمە ھالەتتە بولۇپ، بەزى بوۋاقلارنىڭ پۇتى ياسىمان ئېگىلگەن، پۇت ئۇچى ئىچىگە قارىغانلىقتىن بىر قاراشقا O< تىپلىق پۇت> قا ئوخشاپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر نورمال فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە، بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ بۇ ئەھۋال تەبىئىي ھالدا ئۆزگىرىدۇ. لېكىن بەزى ئاتا - ئانىلار چۈشەنمەي بالىنى چىڭ ئوراپ ھەتتا يىپ بىلەن باغلاپ ئاتالمىش<شامسىمان ئوراش> نى شەكىللەندۈرگەن. بۇ خىل ئوراش ئۇسۇلى بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئېغىر دەرىجىدە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. 1. بوۋاقنىڭ ھەرىكەت بوشلۇقىنى چەكلەپ، ئۆسۈپ - يېتىلىشكە پايدىسىز. 2. بوۋاقنىڭ نەپەسلىنىشى، يۈرەك ئۆپكە ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشىغا پايدىسىز. 3. ئاسانلا يانپاش بوغۇمى چىقىپ كېتىش، كاسىسى قىزىرىپ قېلىش، كىندىك ياللۇغى ھەتتا تېرىسى شەلۋەرەپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 4. بوۋاق چوڭ مېڭىسىنىڭ ھەم ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بۇنداق مەھكەم ئوراش ئۇسۇلىنى قەتئىي قوللىنىشقا بولمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە