UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدە ئانا ئوڭايلا قانداق خاتالىقلارنى سادىر قىلىدۇ؟

بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدە ئانا ئوڭايلا قانداق خاتالىقلارنى سادىر قىلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك خاتالىقلارنى سادىر قىلىدۇ: 1. ئاچچىقلىنىپ تۇرۇپ، بالا ئېمىتىدۇ. ئامېرىكىلىق فىزىئولوگىيىشۇناس ئېرما تەجرىبە قىلىپ مۇنداق كۆرسەتكەن: ئادەم ئاچچىقلانغان ۋاقىتتا بەدىنىدىن بىرخىل زەھەرلىك ئېلېمېنت ئاجرىتىلىپ چىقىرىلىدىكەن. بۇ ئېلېمېنت سۇنى سۆسۈن رەڭگە ئۆزگەرتىپ، دۇغ پەيدا قىلىدىكەن. ئۇ بۇ ئاچچىقلانغان ۋاقىتتىكى سۇنى ئاق چاشقانغا ئۇرغاندا، چاشقان ئۆلۈپ قالغان. ئادەم ئاچچىقلانغان ۋاقىتتا سىمپاتىك نېرۋا سىستېمىسى روھلىنىپ، كۆپ مىقداردىكى ئادرېنالىن قويۇپ بېرىدۇ. شۇنداقلا بۆرەك ئۈستى بېزى يىلىك ماددىسىمۇ كۆپ مىقداردا ئادرېنالىن قويۇپ بېرىدۇ. بۇ ئىككى خىل ماددا ئادەم بەدىنىدە كۆپ ئاجرىتىلسا، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىش، قان تومۇرلىرى تارىيىپ، قان بېسىمى ئۆرلەش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. بۇ ئانا - بالا ئىككىلىسىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق. شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئانا خۇشاللىق بىلەن بالا ئېمىتسە بالىنىڭ بۇ <زەھەرلىك ئېلېمېنت> نى ئېمىۋېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. 2. ھەرىكەتتىن كېيىن بالا ئېمىتىدۇ. ئادەم ھەرىكەتلەنگەن ۋاقىتتا، بەدەندىكى سۈتنىڭ ئاچچىق بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن: يۈگۈرۈپ بولغاندىن كېيىن مۇسكۇل ئاچچىق ئاغرىپ، سۈتنىڭ تەمىنى ئاچچىق قىلىپ قويىدۇ. بۇ خىل ئاچچىق سۈتنى بالىنىڭ ئەمگۈسى كەلمەيدۇ. سىناقلارغا ئاساسلانغاندا ئادەتتە ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەرىكەتتە سۈت تەركىبىدە سۈت كىسلاتاسى بولىدىكەن. شۇڭا، بالا ئېمىتىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئانا مۇۋاپىق بولغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، ھەرىكەتتىن كېيىن بىر ئاز ئارام ئېلىۋېلىپ، ئاندىن بالا ئېمىتىشى كېرەك. 3. بالا ئېمىتىۋاتقاندا، بالىنى كۈلۈشكە قىزىقتۇرىدۇ. ئانىلار ھەمىشە بالىسىنىڭ كۈلۈپ تۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، بىراق بالا ئېمىتىۋاتقاندا ئۇنى كۈلدۈرمەسلىك كېرەك. بولمىسا سۈت ئاسانلا كانايغا كېتىپ، يېنىك بولغاندا سۈتنى ياندۇرۇۋېتىدۇ، ئېغىر بولغاندا سۈمۈرۈش خاراكتېرلىك ئۆپكە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 4. بالا ئېمىتىۋاتقان ۋاقىتتا گىرىم قىلىدۇ. ئانىنىڭ تەن پۇرىقىنىڭ بالىغا نىسبەتەن ئالاھىدە تارتىش كۈچى بار شۇنداقلا بالا ئېمىتىۋاتقان ۋاقىتتا خۇشاللىق بىلەن ئېمىدۇ، ئانىنىڭ قورسىقىدىن ئەمدىلا چۈشكەن بوۋاقمۇ ناھايىتى تېزلىكتە بېشىنى بۇراپ، ئاپىسىنىڭ پۇرىقى كەلگەن تەرەپتىن ئەمچەك توپچىسىنى ئىزدەيدۇ. قىسقىسى، ئانىنىڭ پۇرىقى بالىنىڭ ئېمىشىگە ياردەم بېرىدۇ. ئەگەر ئانا قويۇق گىرىم قىلىۋالسا، ناتونۇش گىرىم پۇرىقى ئانىنىڭ ئەسلى پۇرىقىنى توسۇۋالىدۇ - دە، بالىنىڭ ماسلىشىش كەيپىياتى تۆۋەنلەپ، تاماقنىڭ ھەزىم بۇزۇلۇشى ۋە بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدە ئانا ئوڭايلا قانداق خاتالىقلارنى سادىر قىلىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki