مىلتىق بىلەن زەمبىرەك قانداق پەرقلەندۈرۈلىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
مىلتىق ۋە زەمبىرەكلەر پورۇخلۇق ئوق ئىشلىتىلىدىغان تۇرۇبىسىمان ئىستوۋۇللۇق ئوت ئېچىش قوراللىرى بولۇپ، بارلىققا كېلىش تارىخىمۇ ئىنتايىن ئۇزۇن. بىراق، مىلتىق ۋە زەمبىرەكنىڭ ئوخشاشمايدىغان نۇرغۇن جايلىرى بار. مەسىلەن، مىلتىقلار قىسقىراق، يېنىكرەك ھەم ئوقنىڭ كۈچىمۇ ئاجىزراق بولۇپ، ئادەتتە يەككە پىيادە ئەسكەرلەر ئىشلىتىدۇ؛ زەمبىرەك ئۇزۇن، ئېغىر ھەم ئوقنىڭ پارتلاش كۈچىمۇ بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ، ئادەتتە بىر قانچە توپچى ئەسكەر ھەمكارلىشىپ مەشغۇلات قىلىدۇ. ئەمما، بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى مىلتىق بىلەن زەمبىرەكنىڭ تۈپ پەرقى ھېسابلانمايدۇ، چۈنكى بەزى مىلتىق ئوقلىرىنىڭ كۈچى ناھايىتى زور بولىدۇ، بەزى مىناميوت، تاق ئىستوۋۇللۇق كاتيۇشا قاتارلىقلارنى يالغۇز ئەسكەرلەرمۇ ئاتالايدۇ.
ئەمەلىيەتتە، مىلتىق بىلەن زەمبىرەكنىڭ تۈپ پەرقى كالىبىرىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىدە. كالىبىرى 20 مىللىمېتىردىن كىچىك بولغانلىرى مىلتىق، 20 مىللىمېتىردىن چوڭ بولغانلىرى زەمبىرەك بولىدۇ. ھەر خىل مىلتىقلارنىڭ كالبىرى ئالتە مىللىمېتىردىن كىچىك بولغانلىرى كىچىك كالبىرلىق قوراللار دەپ ئاتىلىدۇ، نۆۋەتتە كۆپ ساندىكى مىلتىقلار مۇشۇ تۈرگە كىرىدۇ؛ كالبىرى 12 مىللىمېتىردىن چوڭ بولغانلىرى چوڭ كالىبىرلىق قوراللار بولۇپ، ئادەتتە زېنىت پىلىموت ۋە ئاۋىئاتسىيە پىلىموتى مۇشۇ تۈرگە كىرىدۇ؛ باشقىلىرى، مەسىلەن، ئاپتومات، كارابىن مىلتىقى ۋە يېنىك پىلىموت قاتارلىقلارنىڭ كالبىرى 6 - 12 مىللىمېتىر ئارىلىقىدا بولىدۇ.
ھەر خىل زەمبىرەكلەرنىڭ كالبىرىمۇ بىر - بىرىگە ئوخشاشمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرۇقلۇق زەمبىرىكى، زېنىت توپ ۋە پاراخوت زەمبىرەكلىرىنىڭ كالىبىرلىق زەمبىرەكلەرنىڭ كالىبىرى 20 - 70 مىللىمېتىر ئارىلىقىدا، چوڭ كالبىرلىق زەمبىرەكلەرنىڭ كالبىرى 100 مىللىمېتىردىن چوڭ بولىدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا، گېرمانىيە كالىبىرى 800 مىللىمېتىر كېلىدىغان بىر خىل غايەت زور زەمبىرەكنى ياسىغان بولۇپ، <دورا> دەپ ئات قويۇلغان، ئۇ ئەينى چاغدىكى كالىبىرى ئەڭ چوڭ زەمبىرەك ئىدى.