UyghurWiki
UyghurWikiنەمەزور خەۋپلىك يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق دېگەن نېمە؟

زور خەۋپلىك يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن زور خەۋپلىك يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق دېگىنىمىز، ئىنتايىن خەتەرلىك كېسەللىك كۆرۈلگەن ياكى كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بولغان بوۋاقلار بولۇپ، تۆۋەندىكى ئامىللار مەۋجۇت ئەھۋالدىكى بوۋاقلار زور خەۋپ ئىچىدىكى بوۋاقلار ھېسابلىنىدۇ. 1. ئانا ئامىلى. يەنى ئانىنىڭ دىئابېت كېسىلى، قالقانسىمانبەز خىزمىتى كۈچىيىپ كېتىش، قالقانسىمانبەز ئىقتىدارى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلىرى، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى يۇقۇملىنىش ياكى جىنسىي يولدىن قان كەلگەن، ئىلگىرى ئادەت خاراكتېرلىك بويىدىن ئاجراش، ئۆلۈك ھامىلە ياكى ئۆلۈك تۇغۇش تارىخى بولغان، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تاماكا چېكىش، زەھەر چېكىش، ھاراق ئىچىش تارىخى بارلار قاتارلىقلار؛ 2. تۇغۇت ئامىلى. يەنى ھامىلىدارلىق يۇقىرى قان بېسىمى، بالىياتقۇ ئورنى تۆۋەن بولۇش، تۆرەلمە قېپى بالدۇر يېرىلىش، بالىياتقۇدا ئېغىر توسالغۇ بولۇش، يۇقىرى ئورۇنلۇق تۇغۇت قىسقۇچى، ساغرا ئالدىن كەلگەن تۇغۇت، ھامىلە بېشىنى شوراپ تارتىش قاتارلىق ھەرخىل قىيىن تۇغۇتلار، تۇغۇت جەريانىدا تىنچلاندۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئىشلەتكەنلەر قاتارلىقلار؛ 3. تۇغۇلغاندىكى ئامىل. يەنى كىندىكى بوينىغا يۆگىشىپ قالغان، بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاق، گىگانت بوۋاق، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى تۇنجۇقۇش، ھەرخىل تۇغما ئېغىر ئالامەتلىك غەيرىيلىك قاتارلىقلار. زور خەۋپلىك بوۋاقلارنى كۈتۈشتە تېخىمۇ ئىنچىكە، ئەستايىدىل بولۇش ھەم ھەر ۋاقىت يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىپ تۇرۇش، ئەگەر غەيرىي ئەھۋال كۆرۈلسە ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈش كېسەلنى كەينىگە سۈرمەسلىك كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە