نېمە ئۈچۈن بالىلار ئېغى ئوچۇق ئىشتاننى كۆپ كىيمەسلىكى كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
بوۋاقلىق مەزگىلىدە بالىلار چوڭ - كىچىك تەرىتىنى كونترول قىلالمىغاچقا ھەم ئانا سۈتى ئاساسلىق ئوزۇقلۇقى بولغاچقا، چوڭ - كىچىك تەرەتنىڭ قېتىم سانى كۆپ بولىدۇ. شۇڭا، توختىماستىن توسۇشقا ۋە تەرەت لاتىسىنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. مۇشۇنداق ئىشلارغا قۇلايلىق بولۇشى ئۈچۈن، ئاتا - ئانىلار بالىلىرىغا ئېغى ئوچۇق ئىشتان كىيدۈرۈپ قويىدۇ. بالىلار چوڭ بولۇشقا ئەگىشىپ، ئۆمىلەشكە، مېڭىشقا باشلايدۇ، ئۇچرىشىدىغان نەرسىلىرى بارغانسېرى كۆپىيىدۇ. بولۇپمۇ بالىلار بىر ياشقا كىرگەندىن كېيىن ئېغى ئوچۇق ئىشتاننى ئىمكانقەدەر كىيدۈرمەسلىك كېرەك. بۇ ۋاقىتتا بالىلارنىڭ ھەرىكەت دائىرىسى ناھايىتى كېڭىيىپ دائىم سىرتلاردا ھەرىكەت قىلىپ يۈرگەچكە، ئېغى ئوچۇق ئىشتان بالىلارنىڭ سۆڭگەچلىرىنى توڭلىتىپلا قالماستىن، يەنە سوغۇق شامال بىۋاسىتە قورساق ۋە يانپاش بىلەن ئۇچرىشىپ، بالىلارنىڭ ئاسانلا زۇكام بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئېغى ئوچۇق ئىشتان كىيگەندە، بالىلارنىڭ كاسا، جىنسىي ئەزا قىسمى بىۋاسىتە ئېچىلىپ قالغاچقا، ئوڭايلا يۇقۇملىنىدۇ. بولۇپمۇ قىزلارنىڭ سۈيدۈك يولى قىسقا بولغاچقا، ئىنتايىن ئوڭاي سۈيدۈك يولىنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئېغى ئوچۇق ئىشتان بالىلارنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان ئۈچەي يولىدىكى پارازىت قۇرت كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا سەل چوڭراق بوۋاقلار ۋە بالىلارغا ئىمكانقەدەر ئېغى ئوچۇق ئىشتان كىيدۈرمەسلىك كېرەك، بۇنداق بولغاندا ھەم پاكىز ھەم بىخەتەر بولىدۇ.