سۈتنى قانداق سېغىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
بالىنىڭ يېمەكلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئانا ساغقان سۈتنى ئىككىنچى كۈنى ئىشقا ماڭغاندا بېرىش ئۈچۈن تەييارلاپ قويۇشى كېرەك. ساغقان سۈت ئانىنىڭ سۈتىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ شۇنداقلا سۈتنىڭ توپلىنىشى تۈپەيلىدىن كۆكسى ئىششىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. سۈت ساغقاندا دائىم ئىشلىتىلىدىغان سايمان — سۈت سۈمۈرۈش ئەسۋابى بولۇپ، ھەر قېتىمدا سۈت شورىغۇچى بىلەن سۈت سېغىش ۋاقتى ئادەتتە 15 مىنۇت بولىدۇ، تازىلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن جەريان 20 ~ 25 مىنۇتىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئىشقا چۈشۈش تەييارلىقى مەزگىلىدە، تەخمىنەن ئانا ئۈچ كۈن بۇرۇن سۈتنى سېغىشنى باشلىسا بولىدۇ. سۈت سېغىشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ۋاقتى ئىككى قېتىملىق ئېمىتىش ۋاقتىنىڭ ئارىلىقى بولۇپ، ھەر كۈنى ئىككى قېتىمدىن تۆت قېتىمغىچە بولىدۇ. ئانا ئاۋۋال بالىنى ئېمىتىپ، تەخمىنەن 45 مىنۇت بولغاندىن كېيىن سۈتنى سېغىشقا باشلىسا بولىدۇ، تۇنجى قېتىمقى بىرقانچە كۈندە ساغقان سۈتنىڭ مىقدارى ئاز بولىدۇ. بىراق داۋاملاشتۇرۇۋەرسە (بىر كۈندە ئىككى قېتىمدىن تۆت قېتىمغىچە) 48 سائەت ئىچىدە ساغقان سۈتنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى بايقايسىز. مۇزلىتىپ قويغاندىن كېيىنكى سۈت بالىنىڭ بىر كۈنلۈك ئىچىشىگە يېتىدۇ