نېمە ئۈچۈن قۇم بارخانلىرى <ناخشا ئېيتىدۇ>؟
نېمە ئۈچۈن
ئەگەر سىزگە پۇرسەت چىقىپ قۇملۇقنى ساياھەت قىلغىلى بارغىنىڭىزدا، بەزىدە ئىنتايىن غەلىتە ئەھۋالغا يولۇقىسىز: تۇيۇقسىز جىمجىت قۇملۇقنىڭ تۆت ئەتراپىدىن ئۈزۈلمەي ئاۋاز چىقىدۇ، تۇرۇپ جىمىپ قالسا، تۇرۇپ قۇلاقنى پاڭ قىلىۋەتكۈدەك ۋىڭىلدايدۇ. بەزىدە خۇددى مۇزىكىنىڭ تارى تارتىلغاندەك يۇقىرى ئاۋاز كۆتۈرۈلىدۇ. كىشىلەر بۇنداق ئاۋازنى قۇملۇقنىڭ <ناخشا ئېيتىشى> دەپ ئاتايدۇ.
قۇملۇقنىڭ <ناخشا ئېيتىشى> ئومۇمەن كۈندۈزى بوران چىقىپ پەسەيگەندىن كېيىنكى ئاخشىمى ياكى كېچىسى كۆرۈلىدۇ. كۈندۈزى بوران بىپايان قۇملۇقنى ئۇچۇرۇپ قۇم دولقۇنلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قۇملۇقتا نۇرغۇن قۇم بارخانلىرى شەكىللىنىدۇ، كەچتە بوران توختىغاندىن كېيىن، كۋارتس دورا قۇم دانىچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن قۇم بارخانلىرى ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تەسىرىدە رەتلىك ھالدا تۆۋەنگە خۇددى ئەينەك ئۈستىگە تۆكۈلگەن بىر قەۋەت مايدەك سىيرىلىپ ئاستا ئاقىدۇ. بۇ چاغدا <قۇم دولقۇنى> دىكى ئۇششاق قۇملارنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا بىر - بىرىگە سۈركىلىشىدىن، قۇم دانىچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقمۇ ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدۇ، قۇمنىڭ سىيرىلىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، قۇم دانىچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، قۇم بوشلۇقى ئىچىدىكى ھاۋا تىترەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن قۇمدىن ناھايىتى تۆۋەن ئاۋاز چىقىدۇ. بىراق، قۇم سىيرىلىشتىن توختىغاندىن كېيىن، بۇ ئاۋازمۇ يوقىلىدۇ، قۇملۇق يەنە جىمجىتلىققا چۆمىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا قۇم بارخانلىرىنىڭ <ناخشا ئېيتىشى> قۇمنىڭ ئىچكى تېمپېراتۇرىسى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. قۇم يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى قانچە يۇقىرى بولسا، قۇم دانىچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشتىن چىقىدىغان ئاۋازمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، كىشىلەر ئاڭلايدىغان <ناخشا ئاۋازى> مۇ شۇنچە ياڭراق بولىدۇ.