UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە قانداق سۈتنى تاللاپ ئىچىش كېرەك؟

بالىلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە قانداق سۈتنى تاللاپ ئىچىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن نۆۋەتتە دائىم ئۇچرىتىدىغان سۈتلەر يېڭى كالا سۈتى، ئادەتتىكى سۈت پاراشوكى، تەييار سۈت پاراشوكى ۋە قېتىق قاتارلىقلار. بالىلارغا سۈت تاللىغاندا، بالىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى ۋە كونكرېت ئەھۋالىنى ئويلىشىپ تاللاش كېرەك. ئەگەر ساپ ئانا سۈتى بىلەن بېقىلىپ، بىراق ئەمدىلا ئەمچەكتىن ئايرىلغان بالىلارغا بىر مەزگىل تەييار سۈتنى تاللاش مۇۋاپىقراق، چۈنكى يېڭى سۈت ئادەتتە سۈت پاراشوكىغا سېلىشتۇرغاندا، تەييار سۈتنىڭ پىششىقلاپ ئىشلىنىشى نىسبەتەن ياخشى ھەم ئوزۇقلۇق جەھەتتە ئانا سۈتىگە بىر ئاز يېقىنلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاز يەيدىغان، ئىشتىھاسى ياخشى ئەمەس، تاماق تاللايدىغان بالىلارغا تەييار سۈتنى تاللىسا بولىدۇ. ئىشتىھاسى ياخشى، يېڭى سۈتكە ئادەتلىنىپ قالغان بالىلارغىمۇ داۋاملىق يېڭى سۈتنى تاللىسا بولىدۇ. بۇ ھەم قۇلايلىق ھەم تېجەشلىك، ئەگەر بالىنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى بىر ئاز ناچار بولۇپ، ياندۇرۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، قېتىقنى تاللىسا بولىدۇ. چۈنكى قېتىق تەركىبىدە كۆپ مىقداردا سۈت بولۇپ، يېمەكلىكنىڭ ھەزىم قىلىنىشى ۋە سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىلىق. [JZ][FT4\",5NBK]مېۋە سۈتلىرىنى كالا سۈتى ئورنىدا ئىچىشكە بولامدۇ؟
← بارلىق تېمىلار نەمە
بالىلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە قانداق سۈتنى تاللاپ ئىچىش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki