نېمە ئۈچۈن دېڭىز ئاستىدا <رەسەتخانا> قۇرۇلىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
دېڭىز ئاستىغا رەسەتخانا قۇرۇلامدۇ؟ بۇ خۇددى <مىڭ بىر كېچە> ھېكايىلىرىدىكىدەكلا ئىش بولغۇدەكقۇ! بىزگە مەلۇمكى، رەسەتخانىلار كۆپىنچە تاغ چوققىلىرىغا جايلىشىدۇ. چۈنكى ئۇنداق يەردە ھاۋا شالاڭ، ھەر خىل بۇلغىنىش ئاز بولۇپ، ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىش ئېلىپ بېرىشقا قۇلايلىق بولىدۇ. يەنە بەزى ئاسترونوملار تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش، ئاتموسفېرا قاتلىمىنىڭ كاشىلىسىدىن ئۈزۈل - كېسىل قۇتۇلۇش ئۈچۈن، رەسەتخانىلىرىنى بىراقلا ئاتموسفېرا قاتلىمىنىڭ سىرتىدىكى بوشلۇققا يۆتكەپ چىقتى. ئەمما نېمە ئۈچۈن يەنە دېڭىز ئاستىدا <رەسەتخانا> قۇرۇلىدۇ؟
ئالەم بوشلۇقىدا ئاجايىپ بىر خىل ئاساسىي زەررىچە بولۇپ، ئۇ نېيترىنو دەپ ئاتىلىدۇ. نېيترىنو بىر خىل زەرەتسىز (نېيترال) زەررىچە بولۇپ، ماسسىسى نۆلگە تەڭ دېيەرلىك. ئۇ يورۇقلۇق تېزلىكىدە ھەرىكەتلىنىدىغان بولۇپ، يەر شارىنى ناھايىتى ئاسانلا تېشىپ ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ، ئەمما بۇ جەرياندا ھېچقانداق زەررىچىگە سوقۇلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، نېيترىنونى كۆزىتىش ئىنتايىن قىيىن بىر ئىش ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئاسترونوملار قېرىشقاندەك مۇشۇ كىچىككىنە زەررىچە - نېيتروىنونى بەكمۇ مۇھىم بىلىدۇ، ئۇلار نېيترىنونى كۆزىتىش قۇرۇلمىلىرىنى يەر ئاستىغا ياكى دېڭىز ئاستىغا يۆتكەپ چۈشۈپ، ئۇ يەرلەردە <رەسەتخانا> قۇردى. مۇنداق قىلغاندا يەر شارى سىرتقى يۈزىدىكى تاغ جىنىسلىرى ۋە دېڭىز سۈيىدىن پايدىلىنىپ ئالەمدىن كەلگەن باشقا زەررىچىلەرنىڭ كاشىلىسىنى توسۇپ قېلىپ، ئامال قىلىپ نېيترىنونى ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ. 1987 - يىلى پەۋقۇلئاددە يورۇق يېڭى تۇرغۇن يۇلتۇز پارتىلىغاندا يەر ئاستى ۋە دېڭىز ئاستىدىكى مۇشۇ <رەسەتخا> لار جەمئىي 27 دانە نېيترىنونى تاپقان، بۇنى قالتىس ئىش دېيىشكە بولىدۇ.
ھاۋايدىكى دېڭىز ئاستى رەسەتخانىسى دېڭىز يۈزىدىن 4800 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا جايلاشقان؛ ياپونىيىدىكى توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالەم نۇرلىرى تەتقىقات ئورنى قۇرغان يەر ئاستى رەسەتخانىسى يەر يۈزىدىن تەخمىنەن 1000 مېتىر چوڭقۇرلۇققا جايلاشقان؛ ئامېرىكىنىڭ ۋېسكانىسن شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرغان ئامامدا رەسەتخانىسى جەنۇبىي قۇتۇپتا 2000 مېتىر قېلىنلىقتىكى مۇز قاتلىمىنىڭ ئاستىغا جايلاشقان.