بوۋاقلارنىڭ نەپىسىنىڭ تېز بولۇشى نورمال ئىشمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ نەپەسلىنىشى تېيىز، يۈزە بولۇپلا قالماستىن، تەرتىپسىز، تېز - ئاستىلىقى تەكشى ئەمەس، بۇلارنىڭ ھەممىسى نورمال ئەھۋال. بۇ ئاساسلىقى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ قوۋۇرغا ئارىلىق مۇسكۇلىنىڭ مۇكەممەل يېتىلمىگەنلىكى ھەم يۇمشاق، ئاجىزلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بۇرۇن يۇتقۇنچاق قىسمى، كانىيى تار كىچىك، ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ياخشى ئەمەس، نەپەسلىنىش ئاساسەن، دىئافراگمىنىڭ كۆتۈرۈلۈپ - چۈشۈشىگە تايىنىدىغانلىقتىن بولىدۇ. بوۋاقلار چوڭلارنىڭ كۆكرەك ئارقىلىق نەپەسلىنىشىگە ئوخشىمىغان ھالدا، قورساق ئارقىلىق نەپەسلىنىشنى ئاساس قىلىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار دەل ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە تۇرغاچقا، قورساقچە نەپەسلىنىش ئارقىلىق سۈمۈرگەن ۋە چىقارغان ھاۋا مىقدارى ئاز بولۇپ، ئورگانىزمنىڭ ئوكسىگېنغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ، شۇڭا نەپەسلىنىشى تېزراق، ھەر مىنۇتىغا 40 ~ 50 قېتىمغا يېتىپ تېز - ئاستىلىقى تەكشى بولماسلىق كېلىپ چىقىشى ھەتتا ۋاقىتلىق نەپەس توختاپ قېلىش ئەھۋال كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بۇلارنىڭ ھەممىسى نورمال فىزىئولوگىيىلىك ھادىسىگە تەۋە. ئاتا - ئانىلار ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە چىرايىدا كۆكىرىش ھەم باشقا بىنورمال ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا ئاپىرىپ داۋالىتىشى كېرەك.