UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبوۋاقلار توخۇ تۇخۇمىنى قانداق يەيدۇ؟

بوۋاقلار توخۇ تۇخۇمىنى قانداق يەيدۇ؟

نېمە ئۈچۈن توخۇ تۇخۇمىدا بولۇپمۇ تۇخۇم سېرىقىدا مول بولغان ئوزۇقلۇق تەركىبلەر بولۇپ، بوۋاقنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ئىنتايىن مۇۋاپىق. بەزى بوۋاقلار تۇخۇم يېگەندە ئوۋالبۇمىن (تۇخۇم ئاق ئاقسىلى) غا نىسبەتەن زىيادە سېزىم بولغانلىقتىن بوۋاقلارغا تۇخۇم ئېقى بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك. تۆت ~ سەككىز ئايلىق بوۋاقلارغا تۇخۇم سېرىقىنى بەرسە مۇۋاپىق، ئادەتتە [SX(]1[]4[SX)] دانە تۇخۇم سېرىقىدىن باشلاپ بارا - بارا 1 ~ 5.1 تۇخۇم سېرىقىغا كۆپەيتىلىدۇ. توغرا بولغان تۇخۇم پىشۇرۇش ئۇسۇلى، تۇخۇمنى پاكىز يۇيۇپ، سوغۇق سۇ قۇيۇلغان قازانغا سېلىپ، ئاستا - ئاستا تېمپىېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىپ، قاينىغاندىن كېيىن سۇس ئوتتا ئىككى مىنۇت پىشۇرسا، ئوتنى ئۆچۈرۈۋېتىپ سۇدا بەش مىنۇت تۇرغۇزسا بولىدۇ. ئاندىن تۇخۇمنى ئېلىپ، بوۋاققا تۇخۇم سېرىقى بوتقىسى، تۇخۇم سېرىقى ئۇمىچى قاتارلىق قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قىلىپ بەرسە بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە