قايسى ئارال دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئارال؟
نېمە ئۈچۈن
دۇنيادا مىڭلىغان - ئون مىڭلىغان ئاراللار بار، ئۇلارنىڭ قايسىسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئارال ھېسابلىنىدۇ؟ ھازىر دۇنيا بويىچە ھەممە ئېتىراپ قىلغان بىرىنچى چوڭ ئارال گرېنلاندىيە ئارىلىدۇر.
گرېنلاندىيە ئارىلىنىڭ ئورنى يەر شارىنىڭ شىمالىي ئۇچىغا توغرا كېلىدۇ. گرېنلاندىيىنىڭ بەشتىن تۆت قىسمى شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكى ئىچىدە، يەر مەيدانى 2 مىليون 176 مىڭ كۋادرات كىلومېتر بولۇپ، پۈتۈن ياۋروپا يەر كۆلىمىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىغا تەڭ كېلىدۇ. ئىنگلىز تىلىدا <گرېنلاندىيە> دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى <يېشىل يەر> دېگەنلىك بولىدۇ، لېكىن بۇ يەر ھەقىقەتەن چوڭ بىر مۇز ئامبىرى، ئارانىڭ 85 پىرسەنتىنى قېلىن قار - مۇز قاپلاپ تۇرىدۇ. بۇ مۇز قاتلاملىرىنىڭ ئوتتۇرىچە قېلىنلىقى 1515 مېتىر كېلىدۇ، ئەڭ قېلىن جايلىرى 3410 مېتىرغا يېتىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئەگەر بۇ يەردىكى مۇز پارچىلىرى پۈتۈنلەي ئېرىپ كەتسە، پۈتكۈل ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنى تلدۇرۇۋېتىدىكەن، ئەگەر ئېرىپ كەتكەن سۇ دېڭىز - ئوكيانغا قويۇلسا، پۈتۈن دۇنيادىكى دېڭىزنىڭ تەكشىلىكى 6.5 مېتىر كۆتۈرۈلىدىكەن. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، گرېنلاندىيە ئارىلىدىكى مۇزلارنىڭ كۆپلۈكى ھەقىقەتەن كىشىنى چۆچۈتىدۇ.
گرېنلاندىيە ئارىلىنىڭ كىلىماتى ئادەتتىن تاشقىرى سوغۇق بولۇپ، دائىم قار - شىۋىرغان چىقىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكى ئىچىدە بولغاچقا، ئۇ يەردە تېخى قۇتۇپ كېچىسى ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، يەنى ھەر يىلى 10 - ئايدىن ئىككىنچى يىلى 3 - ئايغىچە ئۇدا بەش ئاي ئاسماندا قۇياشنى كۆرگىلى بولمايدۇ، پەقەت ئاي ۋە يۇلتۇزلارنىلا كۆرگىلى بولىدۇ، ھەقىقەتەن ئۇزاق كېچە بولىدۇ.
گرېنلاندىيە ئارىلى گەرچە قار - مۇز دۇنياسى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەردە يەنىلا 50 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە ياشايدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئېسكىموسلار ۋە شىمالىي ياۋروپالىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى، ئارالدىكى ئاھالىلەر بېلىق تۇتۇپ ۋە ئوۋ ئوۋلاپ تىرىكچىلىك قىلىدۇ، ھەر يىلى ياز پەسلى يېتىپ كەلگەندە، كىشىلەر ئىتلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، چانىلىرىغا ئولتۇرۇپ، ھەممىلا يەردە چېپىپ يۈرىدۇ، ئۇرلانىڭ بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ جاپالىق پەسلى باشلىنىدۇ.