نېمە ئۈچۈن كىچىك بالىلار ئاشخانىدا ئۇزاق تۇرسا بولمايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
كىچىك بالىلار ئۆسۈش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئورگانىزملىرى، ئەزالىرى ناھايىتى يۇمران كېلىدۇ. تېنى تېخى تولۇق يېتىلمىگەچكە، ماسلىشىش ئىقتىدارى ۋە كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇپ، زىيانلىق گازلارغا ناھايىتى سەزگۈر كېلىدۇ، شۇڭا ئاسانلا ھەر خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ.
ئاشخانىدا كۆمۈر، ئوتۇن ياكى كۆمۈر گازى كۆيۈش ئارقىلىق نۇرغۇن زىيانلىق گاز ۋە ئىس - تۈتەك پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن، كاربون چالا ئوكسىدى، كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدى، كۆمۈر چېڭى ۋە باشقىلار. قازاندىكى ياغ قىزىغاندىن كېيىنمۇ بېنزوپىرېن قاتارلىق راك پەيدا قىلغۇچى ماددا ھاسىل بولىدۇ؛ تولۇق كۆيۈپ بولمىغان ئوتۇنمۇ قويۇق ئىس چىقىرىپ، ئادەمنىڭ نەپەس يولىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بالا باققاچ قورۇما قورۇپ، ئاشخانىدا ئۇزاق تۇرغاندا، بلا بۇ زەھەرلىك گاز ۋە ماددىلارنىڭ تەسىرىدە جىددىي ياكى ئاستا خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى، يۇتقۇنچاق ياللۇغى، كاناي ياللۇغى ۋە ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ. بەزىدە كانەيچە زىققىسى، زىققە خاراكتېرلىك ئۆپكە ياللۇغى، ئانافىلاكسىيىلىك بۇرۇن ياللۇغى ۋە قىچىشقاق قاتارلىق ئانافىلاكسىيىلىك كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. ئۇزاق مۇددەتلىك راك پەيدا قىلغۇچى ماددىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، كىچىك بالىلارنىڭ كېسەللىكىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ - دە، ئۇلارنىڭ چوڭ بولغاندا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشىدىكى ئاپەت يىلتىزى بولۇپ قالىدۇ.
شۇڭا، ئادەتتە بالىلارنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئاشخانىدا تۇرغۇزماسلىق، دائىم بالىلارنى سىرتقا ئاچىقىپ ساپ ھاۋادا نەپەسلەندۈرۈپ، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ - يېتىلىش مۇھىتىغا ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. چوڭلار ئاشخانىدا ئۇزاق مۇددەت ئۆي ئىشى قىلغاندا، ئەڭ ياخشىسى ئىشىك - دېرىزىنى ئېچىۋېتىشى، ۋاقتىدا بۇس تارتقۇنى ئېچىپ، ئاشخانا ھاۋاسىنىڭ ساپ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.