UyghurWiki
UyghurWikiنەمەتۆت ئايلىق بوۋاقنى بېقىشنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟

تۆت ئايلىق بوۋاقنى بېقىشنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟

نېمە ئۈچۈن تۆت ئايلىق بوۋاق ئەمچەكتىن ئايرىلىش مەزگىلىگە كىرىشكە باشلايدىغان بولۇپ، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ بېرىشكە ئېھتىياجلىق. بۇ بوۋاقنىڭ يېتىلىشىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ مەزگىلدىمۇ ئىمكانقەدەر ئانا سۈتىدە بېقىش ئاساس قىلىنىدۇ. لېكىن ئېمىتىش قېتىم سانىنى بەش قېتىمغا قىسقارتىش، چۈشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن ئىككى قېتىمدىن، كەچتە ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بىر قېتىم، كېچىدە ئېمىتمىسىمۇ بولىدۇ. ئەمما بۇ مەزگىلدە بوۋاققا سۈت ئېمىتىشتىن باشقا يەنە سۇيۇق - سەلەڭ تاماقلارنى قوشۇمچە قىلىپ بېرىپ، بوۋاقنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە قاتتىقراق نەرسىلەرنى يېيىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاش؛ بوۋاققا داۋاملىق مېۋە شەربىتى ۋە كۆكتات شىرنىسى بەرگەندىن سىرت، يەنە قوشۇمچە يېمەكلىكلەردىن ئېزىلگەن مېۋە، كۆكتات ۋە جىگەر قاتارلىقلارنى بېرىش ئارقىلىق بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنى تولۇقلاش؛ ئۇنىڭدىن سىرت بېلىق جىگىرى مېيىنى بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇش، ھەر قېتىمدا ئىككى تامچىدىن كۈندە ئىككى قېتىم بېرىش كېرەك
← بارلىق تېمىلار نەمە