نېمە ئۈچۈن چاسا مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنىڭ شەكلى غەلىتە بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
چاسا مۇسابىقە ئاپتوموبىلى مۇسابىقە جىددىيلىكى ۋە قىزىقارلىقلىقى بىلەن ئادەمنى مەپتۇن قىلىدۇ. بۇ ئاپتوموبىلنىڭ گەۋدىسى ئادەتتىكى ئاپتوموبىلنىڭكىدىن كۆپ پاكار، ئالدىدا ئۆردەكنىڭ تۇمشۇقىغا ئوخشىشىدىغان نېپىز تاختا بار، چاقى ناھايىتى كەڭ بولىدۇ، بۇلارنى ئاپتوموبىل لايىھىلىگۈچىلەر مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن كۆڭۈل قويۇپ لايىھىلەنگەن.
چاسا مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنىڭ گەۋدىسى ناھايىتى پاكار، بۇ ھاۋانىڭ قارشىلىقىنى ئازايتىشقا پايدىلىق. لېكىن ئاپتوموبىل شەكلىنى تۈپتۈز قىلىپ ياسىغان تەقدىردىمۇ مۇسابىقە ئاپتوموبىلى تېز سۈرئەتتە ماڭغاندا ئۇدۇلدىن كەلگەن بىر قىسم ھاۋا ئېقىمى ئاپتوموبىلنىڭ ئاستىغا كىرىۋېلىپ، غايەت زور ئۆرلەش كۈچى پەيدا قىلىدۇ، بۇ مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنى تىزگىنلەشكە پايدىسىز. مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنىڭ ئالدىدىكى ئۆردەكنىڭ تۇمشۇقىغا ئوخشىشىدىغان نېپىز تاختاي ھاۋا ئېقىمىنى توسۇش تاختىسى دېيىلىدۇ، بۇ تاختاي ئاپتوموبىلنىڭ كەينىگىمۇ ئورنىتىلغان. ئۇ ھاۋا ئېقىمنىڭ ئاستىغا كىرىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ھاۋا ئېقىمىنى ئاپتوموبىلنىڭ ئۈستىدىن ئۆتكۈزىدۇ. بۇ بىر تەرەپتىن مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنىڭ ئۆرلەش كۈچىنى ئازايتسا، يەنە بىر تەەرپتىن چاق بىلەن يەرنىڭ چاپلىشىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئاپتوموبىل مەشغۇلاتىنىڭ مۇقىملىقىنى ئاشۇرىدۇ. مۇسابىقە ئاپتوموبىلى چاقىنىڭ ھەم كەڭ، ھەم يوغان بولۇشىمۇ ئۇنىڭ يەرگە چاپلىشىش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر. جىددىي ئايلانغان ياكى سۈرئەتنى تېزلەتكەندە ئېغىرلىق ئاساسلىقى كەينى چاققا چۈشىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ كەينى چاقى تېخىمۇ كەڭ ۋە چوڭ بولىدۇ. چاق بىلەن يەر يۈزىنىڭ ئۇچرىشىش دائىرىسىنى ئىمكانقەدەر كېڭەيتىش ئۈچۈن مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنىڭ چاقىغا ھېچقانداق نەقىش چىقىرىلمىغان. شۇڭا، مۇسابىقىدە ئاپتوموبىل چاقىنىڭ ئۇپرىشى ناھايىتى ئېغىر بولىدۇ - دە، بىر مەيدان مۇسابىقىدە بىر قانچە قېتىم چاق يەڭگۈشلەشكە توغرا كېلىدۇ.