بوۋاقنىڭ كۆكرەك قورساق قىسمىنى قانداق ئۇۋۇلاپبېرىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
بوۋاقنىڭ ھەر قايسى ئىچكى ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى كۆكرەك، قورساق قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، دائىم بوۋاقلارنىڭ كۆكرەك، قورساق قىسمىنى ئۇۋۇلاپ بېرىش ئۇلارنىڭ يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە ئىنتايىن پايدىلىق ھەمدە ئوزۇقلۇقنىڭ ھەزىم قىلىنىشى ۋە سۈمۈرۈلۈشىگە ياردىمى بولۇپ، قەۋزىيەت ۋە ئىچ سۈرۈش ئالامەتلىرىنى ئازايتىش ئۈچۈنمۇ بەلگىلىك ئۈنۈمى بار. كۆكرەك قورساق قىسمىنى ئۇۋۇلاشنىڭ كونكرېت ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
1. ئانا ئىككى قولىنى جۈپلەپ ئايرىم -ئايرىم بوۋاقنىڭ ئوڭ - سول تەرەپ قوۋرغا سۆڭىكىنىڭ ئاستى گىرۋىكىدىن باشلاپ يۇقىرىغا قاراپ قارشى تەرەپ ئوقۇرەك سۆڭەكنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغىچە يەڭگىل سىيرىش، ئىككى قولىدا تەرتىپ بىلەن ئېلىپ بېرىش، لېكىن بوۋاقنىڭ ئەمچەك توپچىسىغا تېگىپ كەتمەسلىككە دىققەت قىلىش كېرەك.
2. ئانا ئوڭ قول بارماقلىرىنى جۈپلەپ شاپىلاق ھالەتكە كەلتۈرۈپ قول ئالىقىنى بىلەن بوۋاقنىڭ بىر تەرەپ قوۋرغا سۆڭىكىنىڭ ئاستى گىرۋىكىدىن باشلاپ كۆكرەك ئالدىدىن ئۆتكۈزۈپ قارشى تەرەپكىچە سىيرىش، ئاندىن ئەسلى يول بىلەن قايتۇرۇپ كېلىش، مۇشۇ ئۇسۇلدا ئۈزلۈكسىز سىيلاپ بېرىش كېرەك.
3. ئانا ئوڭ قولىنى جۈپلەپ شاپىلاق ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ئالىقان بىلەن بوۋاق قورساق قىسمىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىن باشلاپ ئوڭ تەرەپ ئۈستى، ئوڭ تەرەپ ئاستى، سول تەرەپ ئاستىدىن سول تەرەپ ئۈستىگىچە بولغان لىنىيىنى بويلاپ، توختىماي چەمبەر ئايلانمىسى شەكلىدە ئۇۋۇلاش لازىم. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، كىندىك چۈشۈشتىن بۇرۇن بۇ خىل ئۇۋۇلاش ئۇسۇلىنى قوللانماسلىق، كىندىك قىسمى زەخىملىنىش ۋە يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.