نېمە ئۈچۈن ئېيىغا توشقان بوۋاقلارغا سالامەتلىكتەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئېيىغا توشۇش بوۋاقلارنىڭ 28 كۈنلۈك يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلىق مەزگىلىنى تۈگىتىپ، بوۋاقلىق دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا ئېيىغا توشۇش بوۋاقلارغا نىسبەتەن بىر مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى، بۇ ۋاقىتتا ئەڭ قىلىشقا تېگىشلىكى بوۋاقلارغا بىر قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، سەۋەبى: ئالدى بىلەن سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق بوۋاقلار تېنىنىڭ يېتىلىشىنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئېيىغا توشقان بوۋاقلارنىڭ ئېغىرلىقى يېڭى تۇغۇلغان ۋاقتىدىكىدىن بىر كىلوگرام ئەتراپىدا ئېغىرلايدۇ، ئېگىزلىكى ئۈچ سانتىمېتىر ئەتراپىدا ئارتىدۇ. ئەگەر بوۋاق تېنىنىڭ ياخشى يېتىلمىگەنلىكىنى سەزگەندە، چوقۇم سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش لازىم. بېقىش تاپماسلىق بوۋاق تېنىنىڭ ياخشى يېتىلمەسلىكىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ئۇنىڭدىن قالسا سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق بوۋاق ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىنى يەنى ھەرىكەت، كۆرۈش ئىقتىدارى، تېگىش سېزىمى، ئاڭلاش ئىقتىدارى قاتارلىقلارنىڭ يېتىلىشنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئاندىن كېيىن سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق بەزىبىر تۇغما غەيرىيلىك يەنى قىيسىق بويۇن، تۇغما يۈزەك كېسىلى، سوڭى چىقىپ قېلىش قاتارلىقلارنى بالدۇر بايقىغىلى بولىدۇ