UyghurWiki
UyghurWikiنەمەقانداق قىلغاندا كېرەكسىز بۇيۇملاردىن پايدىلىنىپ، قىزىقارلىق ئويۇنچۇقلارنى ياسىغىلى بولىدۇ؟

قانداق قىلغاندا كېرەكسىز بۇيۇملاردىن پايدىلىنىپ، قىزىقارلىق ئويۇنچۇقلارنى ياسىغىلى بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئويۇنچۇق بولسا بالىلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئەڭ ياخشى ھەمراھ. لېكىن، قىممەت ئويۇنچۇقلارنىڭ باھاسىنى ئائىلە باشلىقلىرى بىر كۆرۈپلا قورقۇپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بەزى ئويۇنچۇقلارنى ئۆزى ياسىۋالغىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ يېشى كىچىك بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پەقەت يېڭى نەرسىلەر بولسا، روھىي جەھەتتە چەكسىز قانائەتلىنىدۇ. شۇڭا، بىز ئۆيدىكى كېرەكسىز بۇيۇملاردىن پايدىلىنىپ قىزىقارلىق ئويۇنچۇقنى ياساشنى تەشەببۇس قىلىمىز. بۇنداق قىلغاندا ھەم تېجەشلىك ھەم مەزمۇنى رەڭگارەڭ بولىدۇ. تۆۋەندە بىر قانچە مىسالنى تونۇشتۇرىمىز: 1. <قونچاق ئۆيى>، خىلمۇخىل سۇلياۋلاردىن ياسالغان قۇرۇق باپلاردىن پايدىلىنىپ چوڭراق قاچا ياساپ، كۆز دورىسى قۇتىسى، ھاراق قۇتىسىنى چايدان دەپ، دورا ياپقۇچىنى كىچىك قاچا دەپ، قەغەز ئىستاكان، ماروژنا قېپىنى چىلەك ياكى تاماق قاچىسى دەپ، ماروژنا قوشۇقىنى كىچىك قوشۇق دەپ، چوكا مۇز ياغىچىنى چوكا دەپ ھېسابلىسىمۇ بولىدۇ. ئومۇمەن خىلمۇخىل نەرسىلەرنى <قونچاق ئۆيى> ىنىڭ ئەڭ ياخشى ئاشخانا سايمانلىرى قىلىشقا بولىدۇ. 2. سۈرەتلەرنى ئۆزئارا قوشۇش، كونا ئالبومدىكى ئادەم ۋە ھايۋاناتلارنى كېسىپ ئېلىپ، قاتتىق قەغەز ئۈستىگە چاپلىسا بولىدۇ. ھەربىر رەسىمىنى تۆت - بەش پارچە قىلىپ كېسىپ، بالىدىن ئەسلىي قىياپەتكە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 3. قۇرۇق كومزەكتىن پايدىلىنىش: ئاۋاز چىقىرىدىغان نەرسىلەر (مەسىلەن: تۈگمە، ياغاچ پارچىسى) نى كومزەك ئىچىگە سېلىپ، ئاغزىنى مەھكەم ئېتىپ، تىرىڭ، تىرىڭ ئاۋاز چىقىرىپ، بالىنى تۇتۇپ بېقىشقا قىزىقتۇرۇش. 4. سۆرەيدىغان ئويۇنچۇقلار مەسىلەن: كىچىك ماشىنىنىڭ كەينىنى شوينا بىلەن چىگىپ بەرسە، بالا ماشىنىنى سۆرەپ ئوينايدۇ. 5. ياغاچ ئۇرۇقلارنى ئۆتكۈزۈش. كونا چوت ئۇرۇقىدىن پايدىلىنىپ، بالىغا ئۇرۇق (مەرۋايىت) ئۆتكۈزۈشنى ئۆگىتىش ياكى قاتتىق تاختاي قەغەزدىن خىلمۇخىل شەكىللەرنى كېسىپ، ئوتتۇرىدىن تېشىپ، ئۆتكۈزۈشنى مەشىق قىلدۇرسىمۇ بولىدۇ. 6. نۇسخا چىقىرىش، قېلىن قەغەزدىن ئۈچ بۈرجەك شەكىل، تىك تۆت تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك، يۇمىلاق شەكىل كېسىپ، بالىغا خىلمۇخىل نۇسخىلارنى تىزدۇرۇش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە