UyghurWiki
UyghurWikiنەمەسەييارىلەرنىڭ <كرېسىت شەكلىدە تىزىلىشى> ئاپەت پەيدا قىلامدۇ؟

سەييارىلەرنىڭ <كرېسىت شەكلىدە تىزىلىشى> ئاپەت پەيدا قىلامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن قۇياش سىستېمىسىدىكى توققۇز چوڭ سەييارە ئۆزلىرىنىڭ ئوربىتىسىنى بويلاپ قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ. ئەمما ئۇلار بەزىدە قىزىقارلىق ھالەتتە رەتكە تىزىلىپ قالىدۇ. 1999 - يىل 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، توققۇز چوڭ سەييارە يەر شارىنى مەركەز قىلىپ <+> شەكلىدە تىزىلىپ، ئاتالمىش <كرېست شەكىلىدە تىزىلىش> ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەنىدى. ئەينى چاغدا، كىشىنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرىدىغان بەزى <كاتتا كارامەت> لەر كەڭ تارقىلىپ، بۇ كارامەتلەردە توققۇز چوڭ سەييارە <كرېست شەكلىدە تىزىلغان> چاغدا، ئۇلارنىڭ ئېلېكترو ماگنىت مەيدانلىرى بىلەن ئالەملىك تارتىشىش كۈچى قوشۇلۇپ، يەر شارىدا كەلكۈن ۋە ھۆلچىلىك، يەر تەۋرەش، يانار تاغ پارتلاش قاتارلىق بىر قاتار <چوڭ بالايىپائەت> لەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقى، ھەتتا يەر شارى ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىشتىن تۇيۇقسىز توختاپ قېلىپ، نەتىجىدە يەر شارىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىدىغانلىقى ئالدىن ئېيتىلدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل ھادىسىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئالىملار بۇرۇنلا بۇ ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئايلىنىشى داۋامىدىكى تەبىئىي ھادىسە بولۇپ، كىشىلەر يەكۈنلەپ چىققان سەييارىلەر ھەرىكىتى توغرىسىدىكى ئۈچ قانۇن ۋە نيۇتوننىڭ ئالەملىك تارتىشىش كۈچى قانۇنىغا تامامەن ئۇيغۇن دەپ كۆرسىتىپ ئۆتكەنىدى. توققۇز چوڭ سەييارە <كرېست شەكلىدە تىزىلغان> دا، ئۇلارنىڭ يەر شارىغا نىسبەتەن تارتىش كۈچلىرى ئۆز ئارا خالاس بولۇشۇپ، تەسىرى ھېچقانچە قالمايدۇ، ئېلېكترو ماگنىت مەيدانىنىڭ تەسىرى دېگەنگە كەلسەك ئۇ بىر ئويدۇرمىدىن ئىبارەت. پاكىت يالغان سۆزنى ئېچىپ تاشلاشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قورالىدۇر. توققۇز چوڭ سەييارىنىڭ <كرېست شەكلىدە تىزىلىشى> ئۆز قەرەلىدە يۈز بەردى. ئەمما يەر شارىدا ھېچقانداق چوڭ غەيرىي ئەھۋال بارلىققا كەلگىنى يوق. توققۇز چوڭ سەييارە ئىلگىرىكىدەكلا ئۆزلىرىنىڭ ئوربىتىىسنى بويلاپ قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلانماقتا.
← بارلىق تېمىلار نەمە
سەييارىلەرنىڭ <كرېسىت شەكلىدە تىزىلىشى> ئاپەت پەيدا قىلامدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki