UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيەر شارى سۈنئىي ھەمراھى نېمە ئۈچۈن چۈشۈپ كەتمەيدۇ؟

يەر شارى سۈنئىي ھەمراھى نېمە ئۈچۈن چۈشۈپ كەتمەيدۇ؟

نېمە ئۈچۈن پۇتبۇل ئوينىغان چېغىڭىزدا، مەيلى پۇتبۇلنى قانچىلىك ئېگىز تېپىڭ، ئۇ ھامان يەرگە قايتىپ چۈشىدۇ. زەمبىرەك ئوقىنى ئاتقاندا، زەمبىرەك ئوقى بىر قانچە ئون كىلومېتىر ئېگىزگە چىققان بىلەنمۇ ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا يەرگە چۈشىدۇ، يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان ئارغامچىغا ئوخشاش، ھەمىشە يەر شارىدىكى نەرسىلەرنى تۈرلۈك چارە - ئامال بىلەن يەر يۈزىگە تارتىپ چۈشۈرىدۇ. قانداق قىلغاندا ئاندىن يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىدىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ چارىسىنى ئالەملىك تارتىشىش كۈچىنى بايقىغان نيۇتون تېپىپ چىققان. نيۇتون مۇنداق پەرەز قىلغان: ناھايىتى ئېگىز بىر تاغ چوققىسىغا بىر دانە زەمبىرەكنى ئورۇنلاشتۇرساق، زەمبىرەكتىن ئېتىلغان توپ ئوقى يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە، بىر ئەگرى سىزىقنى بويلاپ يەر يۈزىگە چۈشىدۇ. توپ ئوقنىڭ تېزلىكىدە يۇقىرى بولغانسېرى، ئېتىلغان ئارىلىقىمۇ شۇنچە يىراق بولىدۇ. ئەگەر توپ ئوقىنىڭ تېزلىكى يېتەرلىك دەرىجىدە چوڭ بولسا، ئېتىلغان توپ ئوقى يەر شارىنى بىر ئايلىنىپ چىقىشى، ھەتتا يەر شارىنى توختىماي ئايلىنىپ، يەر يۈزىگە چۈشۈپ كەتمەسلىكى مۇمكىن. نيۇتۇن ئالەملىك تارتىشىش كۈچى قانۇنىغا ئاساسەن، توپ ئوقىنىڭ تېزلىكى 7.9 km/s قا يەتكەندىلا، ئاندىن يەر شارىنى چۆرىدەپ ئايلىنىدىغانلىقى، يەر يۈزىگە چۈشۈپ كەتمەيدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان. ئادەتتىكى توپ ئوقىنىڭ ئېتىلغان چاغدىكى تېزلىكى ئادەتتە ئاران سېكۇنتىغا بىر - ئىككى كىلومېتىر بولىدۇ، شۇڭا توپ ئوقىنىڭ يەر شارىنى چۆرىدەپ ئايلانغانلىقىنى ھېچكىم كۆرگىنى يوق. يەر شارى سۈنئىي ھەمراھى كۆپ باسقۇچلۇق توشۇغۇچى راكېتانىڭ ئىتتىرىشى ئارقىسىدا، 7.9km/s تىن يۇقىرى تېزلىككە ئىگە بولۇپ، ئالەم بوشلۇقىدىكى ئوربىتىدا يەر شارىنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ، شۇڭا ئۇ چۈشۈپ كەتمەيدۇ. بۇ تېزلىك بىرىنچى ئالەم تېزلىكى دېيىلىدۇ، يەنە يەر شارىنى ئايلىنىش تېزلىكىمۇ دېيىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە