مۇزلاتقان سۈتنى قانداق ئېرىتىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
ئانا سۈتى مۇزلاپ كەتكەنلىكتىن تىنىپ قالىدۇ، شۇڭا قوشۇق بىلەن ئاستا - ئاستا ئىلەشتۈرۈش كېرەك. ئانا سۈتنى بىرقانچە قاچىغا بۆلۈپ توڭلاتقاندا، ئەگەر بىر پارچىسى يەتمىسە بىرقانچە پارچىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئانا سۈتىنى قىزىتقان ۋاقىتتا، بىرقانچە مىنۇت ئىلمان سۇغا چىلاپ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆي تېمپېراتۇرىسىغا يەتكۈزۈش، بىۋاسىتە ئوچاق ئۈستىگە ياكى مىكرو دولقۇنلۇق دوخۇپكىغا قويۇپ قىزىتىشقا بولمايدۇ. بولمىسا يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئاقسىل پارچىلىنىپ كېتىدۇ. توڭلىتىلغان ئانا سۈتىنى ئېرىتىشتا ئېقىپ تۇرغان سوغۇق سۇغا سېلىپ، ئاستا - ئاستا ئىسسىق سۇغا سېلىش تاكى ئېرىپ ئۆي سىرتىنىڭ ھاۋاسى بىلەن ئوخشاش بولغىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. ئەگەر ئىككى - ئۈچ پارچىسى مۇۋاپىق ئىللىغان بولسا، بىرلىكتە ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. بىردىنبىر دىققەت قىلىدىغىنىمىز ئېمىزگۈ، قوشۇق چوقۇم پاكىز بولۇشى كېرەك.