ئايلىق بولغان بالىلارنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى قايسى خىل سەۋىيىدە بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بۇ ۋاقىتتا بالىلار ئۆزى رىشاتكىغا يۆلىنىپ ئۆرە تۇرالايدۇ، پەلەمپەيگە چىقىپ چۈشەلەيدۇ. ئويۇنچۇقنى كۆتۈرۈپ، تېز سۈرئەتتە يۈگرەلەيدۇ، يۈگرەۋاتقان ۋاقىتتا توسالغۇغا ئۇچرىسا، توسالغۇدىن ئايلىنىپ كېتەلەيدۇ. بالىلارنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدار يېتىلىشى ئالدى - كەينىگە قاراش تەرتىپىدە بولۇۋاتقاچقا، بالىلارنىڭ كەينىگە چېكىنگەندە، ھەرىكەت قىلىشى يەنىلا قۇلايسىزراق بولىدۇ. ئاتا - ئانىلار ئويۇنغا قىزىقتۇرۇش ئارقىلىق بالىنىڭ كەينىگە چېكىنىش ئىقتىدارىنى، بالىلارنىڭ ھەرىكەت جەريانىدىكى مۇقىملىقىنى ۋە ماسلىشىشچانلىقىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. نازۇك ھەرىكەتلەردە بالىلار خېلىلا پىششىق ھالەتتە نەرسىلەرنى ئىستاكانغا سالالايدۇ، ئىككى - ئۈچ پارچىدىن دۆۋىلەنگەن ياغاچ ئويۇنچۇقلارنى ئوينىيالايدۇ. يەنە قەغەزگە ئاددىي سىزىقلارنى سىزالايدۇ.