نېمە ئۈچۈن تاڭ سۈزۈلۈشتىن بۇرۇن تاڭ قاراڭغۇسى بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
قۇياش نۇرى يەر شارىدىكى ئاتموسفېراغا چۈشىدۇ، بۇ چاغدا ئاتموسفېرادىكى ھاۋا مولېكۇلىسى بىلەن بوشلۇقتا لەيلەپ يۈرگەن ئۇششاق چاڭ - توزانلار بۇ نۇرنى ئەتراپقا چېچىپ تارقىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يورۇق نۇر شەكىللىنىدۇ. ئەگەر ئاتموسفېرا نۇر تارقاتمىغان بولسا، بىز يورۇق نۇرنى كۆرەلمىگەن بۇلار ئىدۇق. ئالەم بوشلۇقىدا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ كۆرىدىغىنى بىر قاراڭغۇلۇق، چۈنكى ئالەم بوشلۇقىدا ھاۋا بولمىغاچقا نۇر تارقالمايدۇ.
يەنە تاڭ سۈزۈلۈشتىن بۇرۇنقى ئەھۋالغا قاراپ باقايلى. يەر شارىدىكى ھاۋا مولېكۇلىسى بىلەن ئۇششاق چاڭ - توزانلارنىڭ جايلىشىشى تەكشى ئەمەس، يەر يۈزىگە يېقىن ھاۋا بوشلۇقىدا ھاۋا مولېكۇلىسى ۋە چاڭ - توزان بىر قەدەر كۆپ، ئېگىز بوشلۇقتا بولسا بىر قەدەر ئار، شۇڭا، تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن، قۇياش نۇرى بىر قانچە يۈز مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتىكى ھاۋا بوشلۇقىنى يورۇتىدۇ، ئۇ يەردە ھاۋا شالاڭ بولغاچقا، ئاتموسفېرانىڭ نۇرنى تارقىتىش رولى ئاجىز بولىدۇ، بۇ چاغدا كىشىلەر پەقەت ئاسماندىكى چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلارنىلا كۆرەلەيدۇ، يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، قۇياش نۇرى تۆۋەننى يورۇتىدۇ، نۇر پەيدىنپەي يەر يۈزىگە 2000 - 3000 كىلومېتر كېلىدىغان ئېگىز بوشلۇققا چۈشكەندە، ئۇ يەردىكى ئاتموسفېرا نۇرنى بىر قەدەر ئاجىز ھالەتتە تارقىتالايدۇ. بۇ يورۇق نۇرلار گەرچە يەر يۈزىنى يورۇتالمىسىمۇ، لېكىن يۇلتۇزلارنىڭ نۇرىنى سۇسلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ئاسماندا ئەسلىدىلا بار بولغان يۇلتۇزنىڭ ئازغىنا نۇرى پۈتۈنلەي كۆرۈنمەيدۇ، يەنە كېلىپ يەر يۈزىدىكى يورۇق نۇر كۆپەيمەيۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاسمان قاپقاراڭغۇ بولۇپ، ھەقىقەتەن <بەش بارماقنى كۆرگىلى بولمايدۇ> غان دەرىجىدە تاڭ قاراڭغۇسى بولىدۇ.