بالا ئىمىتىۋاتقان ئاياللار مۇۋاپىق ھالداھەرىكەت قىلسا بولامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
تۇغۇتتىن كېيىن ئورۇقلاش ناھايىتى كۆپ ئانىلار قىلىشنى ئويلايدىغان ئىش، بالا ئېمىتىش سىزنى بىخەتەر ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكۈزەلەيدۇ. ئەگەر بۇنىڭغا يەنە مۇۋاپىق ھەرىكەت قوشۇلسا، سىز ئورۇقلاش ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولغانلىقىنى ھېس قىلىسىز. تۇغۇتتىن كېيىن سۇغا چۆمۈلۈش، سەيلى - ساياھەت قىلىش قاتارلىق ھەرىكەت مىقدارى يۇقىرى بولمىغان ئاددىي ئۇسۇللار بىلەن مەشىق قىلسىڭىز، تارتىشىش كۈچىنى ئۆلچىگۈچ بىلەن مۇسكۇللارنى چېنىقتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ھەرىكەت قىلىشتىن ئىلگىرى مۈرە، دوۋساق قاتارلىقلارنى بوشىتىشقا دىققەت قىلىپ، تاماقتىن ئىلگىرىكى ياكى تاماقتىن كېيىنكى بىر سائەت ئىچىدە ھەرىكەت قىلماسلىق كېرەك. ھەرىكەتتىن كېيىن كۆپرەك تەر چىقسا، دەرھال سۇ تولۇقلاش شۇنداقلا ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. ھەرىكەت قىلىشتىن بۇرۇن بالىنى ئېمىتىش لازىم، چۈنكى ئانىنىڭ كۆكسى چىڭقىلىپ كەتسە، ھەرىكەت قىلىشقا قۇلايسىز بولىدۇ. مۇۋاپىق ھەرىكەت ئانىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ، بەدەننىڭ ئالمىشىشىنى ياخشىلاپ، مۇسكۇللارنىڭ بىرخىل كەيپىيات جەھەتتىكى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈشىنى پەيدا قىلىپ، ئانىنى راھەت، جۇشقۇن ھېس قىلدۇرىدۇ، بىراق زىيادە ھەرىكەت ۋە قاتتىق ھەرىكەتتىن كېيىن بالا ئېمىتمەسلىك كېرەك. بۇ ۋاقىتتا بالا ئانا تېنىدىن كېلىۋاتقان تەر پۇرىقى ۋە كۆپ مىقداردىكى سۈت كىسلاتاسى بار بولغان سۈتنى ياقتۇرماي، ئانىنىڭ قۇچىقىدا ئېمىشنى خالىماسلىقى مۇمكىن.